07.12.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2073554
07.12.2023

«ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئورگىنى موسادنىڭ تۈركىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە ھاماس رەھبەرلىرىگە سۇيىقەست قىلىش تەييارلىقى قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئەگەر ئۇلار تۈركىيەدە ئەشۇنداق بىر قەدەم تاشلاشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولسا، بۇنىڭ بەدىلىنى بەللىرىنى قايتا تۈزلىيەلمەيدىغان دەرىجىدە ئېغىر ئۆتەيدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ: «ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن غەززەدىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنى كېڭەيتىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھلىرىدىن بىرى بولغان «گۆكتۈرك -1» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ 7 ياشقا كىرگەنلىكىگە دائىر ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا: «گۆكتۈرك -1 ئالەم بوشلۇقىدىكى ۋەزىپىسى جەريانىدا، دۇنيانى 37 مىڭ 378 قېتىم ئايلىنىپ، 82 مىڭ 913 قېتىم سۈرەت تارتتى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئامېرىكىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئانادولۇغا تەۋە 41 پارچە تارىخىي يادىكارلىقنىڭ ئاخىرى نيۇيوركتىكى تۈركىيە مەسئۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى، قايتۇرۇلغان تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ تەخمىنەن 60 يىل ئىلگىرى بۇردۇرنىڭ بوبون قەدىمكى شەھىرىدىن ئامېرىكىغا ئەتكەس قىلىنغانلىقىنى ھەمدە ھەر خىل مۇزېي ۋە يىغىپ ساقلىغۇچىلارغا سېتىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئانتاليادا 2023 - يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە 200 گە يېقىن دۆلەتتىن 15 مىليون 371 مىڭ ساياھەتچى كەلگەنلىكىنى، 2023 -يىلى ئانتاليا ساياھەت تارىخىنىڭ ئەڭ كۆپ ساياھەتچى رېكورتى ياراتقان يىلى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر