30.11.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2070764
30.11.2023

«ۋەتەن گېزىتى»، «ئەردوغان گىرېتسىيەگە دىيالوگ چاقىرىقىدا بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ تەبىئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «ئەڭ مۇھىمى بۇ ئىختىلاپلارنى چېگىش ھالغا كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى ھەل قىلىش ئىرادىسىدۇر» دېدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ بۇ ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشكىنىمىزدە يەڭگىلى بولمايدىغان مەسىلە يوقلىقىغا ئىشىنىمىز. 7 – دىكابىردا ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان گىرېتسىيە زىيارىتىمىزگە تۇتقان پوزىتسىيەمىزمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە» دېدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «غەززەدە مۇشۇ ئەسرنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەھشىيلىكنى سادىر قىلغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئىسمىنى ھازىردىن باشلاپلا <غەززە قاسساپى> دەپ يازدۇرۇپ بولدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «نېتانياھۇ ئىسمىنى <غەززە قاسساپى> دەپ يازدۇرۇپ بولدى» دېگەن سۆزىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور ئىنكاس قوزغىغانلىقىنى ۋە ھەر قايسى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئەردوغاننىڭ باياناتىنى ئابونتلىرىغا «جىددىي كود» بىلەن يەتكۈزگەنلىكىنى ھەمدە نۇرغۇن گېزىتلەرنىڭمۇ ئەردوغاننىڭ مەزكۇر سۆزىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشىغا قارىتا بىرلىكتە ئېلىپ بارغان شۇنچە تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا قارىماي، غەربتىكى ۋە باشقا رايونلاردىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تۈركىيە ۋە قاتار قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ دېگەنلىرىدەك ئەمەسلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ھەمدە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كوچىلارغا چىققانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ نۇقتىدىن تارتىپ پىكىر بۇرمىلاش ئۇرىشىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ تۈركىيەنىڭ بارلىق توقۇنۇشلاردا دېگۈدەك ھەل قىلىش مەسىلىسىدە مۇھىم روللارنى ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ھەققىدە تۈركىيە بىلەن ئالاقىلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر