27.11.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2069180
27.11.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ھاماس ئەردوغاننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 7 تايلاندنى قويۇپ بەردى»  سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:  

ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ھاسىل قىلغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە 7 تايلاندلىق تۇتقۇننى قويۇپ بەردى. ھاماس بۇ 7 تۇتقۇننىڭ  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى  جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەززەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىغا جاۋابەن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

«‹سىتار› گېزىتى»، «فىرانسىيەلىك ئادۋوكاتتىن تۈركىيەگە مەدھىيە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە پەلەستىنلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان فىرانسىيەلىك ئادۋوكات گىللېس دېۋېرسنىڭ، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى تارتقان فوتو سۈرەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئاق فوسفور بومبىسى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلغانلىقىنى يازدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ قاچىر ۋېنگىرىيەدە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. مىنىستىر قاچىر تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسىنىڭ 4 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «رەھبەرلىرىمىزنىڭ نىشانى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 6 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشتۇر. دەرۋەقە، بىز بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قەدەممۇقەدەم  ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، تۈركىيە قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇنىڭ تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل دۇنيا تەلمۈرۈش ئىچىدە كۆزىتىۋاتقان ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا  كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى:

«21 يىلدا 3 مىڭ 844 يېڭى كۆۋرۈك ياسىدۇق، 405 يېڭى تونېل ئاچتۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خەلقىمىزنىڭ مۇلازىمىتىگە سۇندۇق.»

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، ۋاكسىنىلارنىڭ ياردىمىدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنى ئارقىدا قالدۇرغان دۇنيا تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان راك ۋاكسىنىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنىڭ تۈرك ئالىم ئوغۇر شاھىندىن كەلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شاھىن كىشىگە خاس راك ۋاكسىنىلىرىنىڭ 2030-يىلدىن بۇرۇن تەستىقلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر