23.11.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2067797
23.11.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ توردا قاتناشقان گ20 دۆلەتلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە: «غەززەدە يۈز بەرگەن ئىشلار بەرداشلىق چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ يەردە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. بىز ھەرقانداق شەكىلدە پۇقرالارغا قارشى ھەرىكەتلەرنى گۇناھسىز ياكى قانۇنلۇق كۆرەلمەيمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ غەززەدىكى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز ئالتە ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى توغرىسىدا ۋاقىتلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇشتا كېلىشكەنلىكىنى ئىجابىي ئىلگىرىلەش دەپ قارايمىز» دېيىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلمازنىڭ: «بىز ھازىر سېتىۋېلىش كۈچى تەڭپۇڭلۇقى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 11-چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ۋە نورمال جەھەتتە 17-چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلاندۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ياۋروپا بىناكارلىق ۋە تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رەئىسى ئودىلې رېناد-باسسونىڭ تۈركىيەدىكى سېلىنمىلىرىنى ئىزچىل يۇقۇرى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ يىللىق سالغان مەبلەغن 2 مىليارد 500 مىليون ياۋرودىن ئاشتى ھەمدە تۈركىيەن ياۋروپا بىناكارلىق ۋە تەرەققىيات بانكىسى ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەتكە ئايلاندى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئاق دېڭىز ساياھەت، مېھمانساراي ۋە سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كان كاۋالائوغلۇنىڭ ساياھەتچىلىكتە ئالدىن زاكاس قىلىش نىسبىتىنىڭ 2024-يىلى ئۈچۈن ئىجابىي شەكىلدە باشلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۇنجى زاكاس ئەنگلىيە ساياھەت بازىرىدىن كەلدى، ئۇنىڭدىن قالسا گېرمانىيەدىن كەلمەكتە. ئالدىن زاكاس قىلىش نىسبىتى جەھەتتە 2023-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %20 ئاشقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر