06.11.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2060814
06.11.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹سىتار› گېزىتى»: «ئەردوغان: <قىرغىنچىلىقنى توختىتىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇش ۋە غەززەدىكى پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. بىز غەززەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ ساھىپسىز، چارىسىز ۋە يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ جىددىي داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق  دېگەنلىكىنى يازدى: «غەززەدىكى تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان راك بىمارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق 1000 غا يېقىن بىمار ۋە يارىدارنى، رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق مىسىرغا كەلتۈرۈش خىزمىتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ خىزمەت تاماملانغاندىن كېيىن، راك بىمارلىرى ۋە ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارنى قۇتقۇزۇش ئايروپىلانلىرى، پاراخوت دوختۇرخانىلىرى دۆلىتىمىزگە يۆتكەش پىلانلانماقتا.»

«‹ساباھ› گېزىتى»: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايانىڭ، 8 ۋىلايەتتە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان «قەھرمانلار ھەرىكىتى» داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت 21 غار ۋە پاناھ جاينىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»: بايقار گۇرۇھى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «TB3» قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ، مارمارا رايونىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە سۈرئىتى سائىتىگە 130 كىلومېتىرغا يەتكەن «لودوس» ناملىق بوران – چاپقۇنلۇق قىيىن شارائىت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان 3-قېتىملىق 5 سائەتلىك سىناق ئۇچۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»: تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوينىڭ بۇ يىل ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 15 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر