21.05.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1643051
21.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 20-ماي) ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ پەلەستىن تېمىسىدىكى يىغىندا، ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىدىكى ئىشغالىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئادالەتسىزلىككە قارشى جىمجىت قاراپ تۇرۇش، ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتكە شېرىك بولۇش بىلەن ئوخشاش» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدە دۇنياغا دەرس بەرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، سۈلەيمان سويلۇنىڭ، «بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر بېسىم شەكىللەندۈردۇق. بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىنى تۇتۇشقا باشلىدۇق. چۈنكى چەمبەر بارغانسېرى تارىيىۋاتىدۇ» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ تۈنۈگۈنكى بىلىم كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 120 مىليون بىيونتېك ۋاكسىناسىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا، بىيونتېك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىننىڭ سىنلىق شەكىلدە قاتنىشىپ: «120 مىليون ۋاكسىنا ئۈچۈن ئىمزا قويدۇق. ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە 30 مىليون دانە ۋاكسىنا ئەۋەتىمىز. ئىيۇل، ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا 120 مىليون دانە ۋاكسىنانى تاماملىماقچىمىز. ئاللاھ خالىسا بىرلىكتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، مۇھىت ۋە شەھەرچىلىك مىنىستىرى مۇرات كۇرۇمنىڭ، بۇ يىل (2021) تۈركىيەنىڭ 519 كۆك بايراقلىق سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى بىلەن دۇنيادا ئۈچىنچى بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، فىرانسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە «لىللە» (Lille) فورمىسىنى كىيگەن تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بۇراك يىلمازنىڭ نامايان قىلغان ئۈستۈن ماھارىتى سەۋەبىدىن «ئاينىڭ پۇتبولچىسى» بولۇپ تاللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر