18.06.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1220205
18.06.2019

ساباھ گېزىتى «تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ كۆرۈشىدىغان ۋاقتى ئېنىق بولدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئەگە دېڭىزىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئەنقەرەدە ئېلىپ بارىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: <تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن ئەگە دېڭىزىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان سۆھبەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى 2019-يىلى 18-ئىيۇندىن 21-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلىدۇ>.»

ھۈررىيەت گېزىتى «مىللىي كۈرەشچى ئايروپىلانى تۇنجى بولۇپ پارىژدا كۆرگەزمە قىلىندى»سەرلەۋھىلىك  خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى ئىدارىسى مىللىي كۈرەشچى ئايروپىلاننى تۇنجى قېتىم پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسىدە تونۇشتۇردى. بۇ يىل 53-يىللىقى ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى يەرمەنكىسىدە سۆز قىلغان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى تەمەل كوتىل: مىللىي كۈرەشچى ئايروپىلانىمىزنى تۇنجى قېتىم پارىژدا تونۇشتۇردۇق، بۇ ئايروپىلانىمىز ياۋروپادىمۇ ئەڭ ئىلغار ئايروپىلانلاردىن بىرى بولىدۇ، دېدى.»

سىتار گېزىتى «ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن سۈنئىي ھەمراھ مۇسابىقىسىدە تۈركىيە ماھىرلىرى بىرىنچى ۋە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «ئامېرىكا ئاسترونومىيە جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا سۈنئىي ھەمراھلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىدە تۈرك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى گەۋدىلىك بولدى، تېكساس ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە 40 كوماندا ئىچىدە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرىستېتى ئاپىس كوماندىسى بىرىنچى بولۇپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، زوڭگۇلداك بۇلەنت ئەجەۋىت ئۇنىۋېرسىتېتى گىرۇزۇ-263 ئالەم قاتنىشى كوماندىسى ئىككىنچى بولدى.»

ھابەرتۈرك گېزىتى «ياۋروپاغا <چەرىباشى>گىلاسى ئېكسپورت قىلىنماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئەدىرنەنىڭ ئەنەز ناھىيەسىدە يېتىشتۈرۈلگەن <چەرىباشى>گىلاسلىرى گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنماقتا، شېخىدىن ئېلىنىپلا ساندۇقلارغا قاچىلانغاندىن كېيىن شىركەتلەر ۋاستىسى ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىلىش ئۈچۈن يۈك ماشىنىلىرىغا قاچىلىنىۋاتقان <چەرىباشى>گىلاسلىرىدىن يىللىق 400 توننا مەھسۇلات ئېلىنىشى كۈتۈلمەكتە.»

يېڭى شەپەق گېزىتى «ئىستانبۇل ئوپېرا فېستىۋالى باشلىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «خەلقئارا ئىستانبۇل ئوپېرا فېستىۋالى 2-ئىيۇندا سەنئەتسۆيەرلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۇ يىل 10-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان فېستىۋال 14-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ. فېستىۋالدا <بولشوي تىياتىر ئۆمىكى>ئىككى قېتىم كونسېرت بېرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر