20.02.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1148877
20.02.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىستانبۇلدا «بۇداپېشت مۇساپىسى 6-قېتىملىق مىنىستىرلار كونفېرانسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىدلىب كېلىشىمىنىڭ، چوڭ كۆچ دولقۇنىنى توسقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يېڭى كۆچ دولقۇنى پەيدا بولغان ئەھۋالدا بۇنىڭغا يالغۇز تاقابىل تۇرالمايمىز. دۆلىتىمىز تېررورلۇقتىن تازىلىغان رايونلار سۈرىيەنىڭ كىشىلەر ياشىيالايدىغان، خاتىرجەم جايلار ھېسابلىنىدۇ. بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش چارىسى سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى ئۈچۈن مەسىلىنى ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسىدۇر» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، دۇنياغا تونۇلغان پىيانىست ۋە مۇزىكانت فازىل ساينىڭ گېرمانىيەنىڭ برېمېن شەھىرىدە كونسېرت قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېر ستېينمېر بىلەن رەپىقىسى ئېلكې بۈدېنبېندېرنىڭ كونسېرتنى كۆرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە بىلەن مولدوۋا ئوتتۇرىسدا تۈنۈگۈن (19-فېۋرال) باشلانغان كىملىك بىلەن ساياھەت قىلىش مەزگىلىدە، مولدوۋادىن كېلىدىغان ساياھەتچى سانىنىڭ 200 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنىڭ تەخمىن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، ئۆتكەن يىلى (2018) مولدوۋادىن كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىنىڭ %13.25 ئېشىپ، 194 مىڭغا چىققانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ستار گېزىتى»، كارس-ئارداھان چېگراسىدىكى شەرقىي ئانادولۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى كۆلى بولغان چىلدىردا يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىو تولۇپ-تاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ساياھەتچىلەرنىڭ مۇز قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىردىن 50 سانتىمېتىرغىچە يەتكەن كۆل يۈزىدە سەيلە قىلىشنىڭ ۋە ئات چانىسىغا ئولتۇرۇشنىڭ پەيزىنى چىقىرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر