13.02.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1144204
13.02.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن تۈركىيەدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ئاپتوموبىل بومبىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى «مەينەت سودا» ھەققىدە بايات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيەگە تۇزاق قۇرماقچى بولغان ۋە تېررورىستلارغا چېگرا سىرتىدا تۇرۇپ بۇيرۇق بەرگەنلەرنى تۇتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان سۈلەيمان سويلۇنىڭ، ھۇجۇم پىلانىنى تۈزگەن تېررورىستنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، بۇ تېررورىستنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ قولىدىكى دائېشنىڭ 100 ئەزاسىنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن ي پ گ|پ ك ك بىلەن سودىلاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە سالغان مەبلەغلىرى ۋە يېڭى ساھەلەرنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، بۇ ساھەلەردە باسقان قەدەملىرىنىڭ مېۋە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تراكيادىكى «1-غەرب چەلىك» قۇدۇقىدا تەبىئىي گاز تېپىلىشى بىلەن، رايوندا يېڭى مۇساپىنىڭ باشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تراكيادا ئەسلىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ سلانېتس گازى بولۇپ، مەزكۇر رايوندا بايقالغان 3 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گازدىن تەخمىنەن 60 ھەسسە كۆپ ئىكەن.

«ستار گېزىتى»، ئۆتكەن يىلى (2018) شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسىگە 650 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كۈچىنىڭ ئۆتكەن يىلى 497 مېگاۋات ئاشقان بولۇپ، 2017-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %7.2 ئاشقان ۋە جەمئىي 7 مىڭ 369 مېگاۋاتقا يەتكەن. ۋىلايەتلەرنى رەتكە تىزغاندا، ئىزمىر 1 مىڭ 405 مېگاۋات بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، بالىكەسىر 1 مىڭ 123 مېگاۋات بىلەن ئىككىنچى، مانىسا 669 مېگاۋات بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

«ساباھ گېزىتى»، خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) گە 47 پۇتبول فېدېراتسىيەلىرىنىڭ باشلىقى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان پۇتبول يىغىنىنىڭ، 13-فېۋرال (چارشەنبە) ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھاتىغا ئاساس سالىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تېمىلارنى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىر مۇھىتتا مۇزاكىرە قىلىش ۋە تالاش-تارتىش قىلىش ھەمدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە 2016-يىل نويابىر ئېيىدىن تارتىپ ئېچىلىشقا باشلىغان يىغىنغا، ئىككىنچى قېتىم ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىلىنىشىچە، يىغىندىن كېيىن، خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گىياننى ئىنفانتىنو 15-فېۋرال (جۈمە) يىغىن ئېچىلىدىغان مېھمانسارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر