24.12.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1112427
24.12.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئارناۋۇتكۆيدە سۆز قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن ئىستانبۇل ئارناۋۇتكۆيدە ئۆتكۈزۈلگەن كوللېكتىپ لېنتا كېسىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئەردوغان، «نېتانياھۇ سەن خاتا ئىشىكنى قاقتىڭ. ئەردوغان زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ساداسىدۇر. سەن زالىملارنىڭ ئاۋازىسەن. سەن دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتىسەن. سەن زالىمسەن» دېدى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «ئىبراھىم قالىن ۋە ئۆمەر چەلىك نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيەگە قىبرىستا ئىشغالچى دەپ قاراپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ئەيىبلىگۈچى سۆزلەرنى قىلغان بۇنيامىن نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، «دۆلىتىدە تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق باش ئاغرىقى تېپىپ بەرگەن نېتانياھۇ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بىراق پايدىسى يوق. (بۇنداق قىلىش) ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ھېچبىر شەكىلدە يوشۇرۇپ قالالمايدۇ، جۇمھۇر رەئىسىمىزنى سۈكۈتكە چۈمدۈرەلمەيدۇ» دېدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ «جۇمھۇر رەئىسىمىزگە ۋە ئارمىيەمىزگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ھەقىقەتلەرنى يوشۇرۇپ قالىمىز، دەپ ئويلىشىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  

«<ساباھ> گېزىتى»، «قاندىل ۋە خاكۇركتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى (ئېلىپ بېرىلدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:  تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قاندىل ۋە خاكۇرك رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆڭكۈر ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىمۇ يوقىتىپ تاشلاندى.

«<ستار> گېزىتى»، «قەھرىمان دېڭىز ئارمىيەسى شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى مەشىق پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تارقىتىلغان باياناتىدا، قەھرىمان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر پاراخوتى بىلەن بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى مەشىق پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى تەكىتلەندى. باياناتتا، دېڭىز ئارمىيەمىزنىڭ TCG گىرەسۇن ناملىق پاراخوتى ۋە دېڭىز تىك ئۇچار ئايروپىلانىمىز بىلەن فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ FS ACONIT پاراخوتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا 2018 – يىلى 21 – دېكابىردا شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە مەشىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «ئانتاليا ئارىدىن تۆت يىلدىن ئۆتكەندىن كېيىن چەت ئەللىك ساياھەتچى سانىدا ئىستانبۇلدىن ئۆتۈپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيەدىكى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلغان شەھەرلەر تىزىملىكىدە 2000 – 2014 – يىللىرى ئارىسىدا بىرىنچى بولغان ئانتاليا، 2014 – يىلى ئىستانبۇلغا تارتقۇزۇپ قويغان رەھبەرلىك ئورنىنى بۇ يىل قايتۇرۇۋالدى. ئانتالىيا شەھەر كېڭىشى ساياھەت خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقى رەجەپ ياۋۇز، رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئانتاليانىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچى سانىنىڭ 12 يېرىم مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئىستانبۇلنىڭ بولسا، 11 مىليون 340 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر