19.12.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1109556
19.12.2018

ھابەر تۈرك گېزىتى: «چاۋۇشئوغلۇ: ي پ گ ۋە پ ك ك نى تەلتۆكۈس بىر تەرەپ قىلمىغۇچە توختىمايمىز، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي راسخوتى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەندە: بىز نە مەملىكەت ئىچىدە نە مەملىكەت سىرتىدا كۈرت (كورد)دۈشمەنلىكى  قىلمىدۇق ۋە قەتئىي قىلمايمىز، بىز ي پ گ ۋە پ ك ك نى تەلتۆكۈس بىر تەرەپ قىلمىغۇچە توختىمايمىز، دېدى. مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئوت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنى غەلبىلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.»

ۋاتان گېزىتى: «مىنسىتىر ئاكار ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى: قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە، مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 2019-يىللىق ئومۇمىي راسخوتى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەندە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا نوپۇزىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەلتۆكۈس بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك، سىنجار رايونىنىڭ كاندىلغا ئوخشاش تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز.»

ھۈررىيەت گېزىتى: «تۈركىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد دوللارغا يەتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ بارغان ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا بايانات بېرىپ، بۇ يىل ئىچىدە تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 8 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ھىندسىتان تۈركىيەگە كۆپرەك مال ئېكسپورت قىلدى، تېخىمۇ تەڭپۇڭ ۋە ئىزچىللىققا ئىگە سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك.»

سىتار گېزىتى: «ياۋا ياڭاق ئېكسپورتىدىن 10 پەسىلدە 18 مىليارد دوللار كىرىم قىلىندى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دۇنيا ياۋا ياڭاق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سودىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تىزگىنلەپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، 10 پەسىلدە بۇ مەھسۇلاتتىن 18 مىليارد دوللار كىرىم قىلدى. 2014-2015-يىللىرى ئارىسىدا 2 مىليارد 799 مىليون دوللار كىرىم قىلىندى، 2012-2013-يىللىرى ئارىسىدا 301 مىڭ 193 توننا ياۋا ياڭاق سېتىلدى.»

ساباھ گېزىتى: «ماردىن ۋىلايىتى 2018-يىلى 3 مىليون ساياھەتچى كۈتۈۋالدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ماردىن ۋىلايىتى بۇ يىل ئىچىدە 3 مىليون ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، ب د ت پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە نامزات بولغان ماردىنغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر ماردىن قەلئەسى ۋە تاش ئۆيلەردىن سىرت ئېتىقاد ساياھەتچىلىكى دائىرىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇت ئىزى بولغان سىتتى رادۋىيە مەدرەسەسى ۋە ئۇنىڭ ساقىلى قويۇلغان ئۇلى جامە، زىنجىرىيە ۋە قاسىمىيەنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ. ساياھەتچىلەر خىرىستىيان دىنىغا تەۋە سۇريانىلەر نەزىرىدە مۇقەددەس دەپ قارىلىدىغان تۇرابدىن تېغىدىكى مور گابرىئېل موناستىرى بىلەن مەريەم ئانا چېركاۋى، قىرقلار چېركاۋى، دەيرۇلزافاران موناستىرى، مور ياقۇپ موناستىرى ۋە مور دىمەت موناستىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ تارىخقا سەپەر قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر