06.12.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1101736
06.12.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى شامال سىنىقىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: ياۋروپادىكى ئەڭ ئىلغار 5 – ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لايىھەسى بولغان « TF-X» تىپلىق مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھەسى شامال تۇنېلى سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈلمەكتە.

 ئايروپىلان لايىھەسىنى ناھايىتى تېز  شەكىلدە تاماملاشنى نىشان قىلىۋاتقان تۈركىيە، لايىھەنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئايروپىلاننى بىر يۈرۈش ھالدا ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ 2033 – يىلى باشلىنىشى ۋە شۇ ۋاقىتقىچە 400 دانە زاكاز قىلىنىشى نىشان قىلىنماقتا.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا رېكورت ياراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

176 دۆلەتتىن تەخمىنەن 2 مىڭ ئايرودۇرۇم ئەزاسى بار ياۋروپا ئايرودۇرۇملىرى كېڭىشىنىڭ 2008 – 2018 – يىللىق پائالىيەت دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

دوتلاتقا ئاساسلانغاندا،  دۆلەت تەرتىپى بويىچە تۈركىيە يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە بىۋاسىتە ئۇچۇش نۇقتىلىرىنىڭ سانىنى % 191 ئاشۇرغان. تۈركىيە ۋاسىتىلىك ئۇچۇش نۇقتىلىرىنىڭ سانىنى % 130، ئايرودۇرۇم ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ سانىنى % 157 ۋە خەۋەرلىشىش نۇقتىلىرىنىڭ سانىنى % 534 ئاشۇرۇپ، ياۋروپا بويىچە ئۇچۇش تورىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزگەن دۆلەت بولغان.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراخوتى < TCG Anadolu > نى تاپشۇرۇپ بېرىش ۋاقتى بىر يىل بۇرۇنغا ئۆزگەرتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىشى داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئەڭ چوڭ پاراخوت ھېسابلىنىدىغان < TCG Anadolu > كۈرەشچى پاراخوتنى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى تېزلەشتى. بۇ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت مۇداپىئەسى لايىھەسى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچكە ئايلىنىش غايىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۈلگىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئىشلەپچىقىرىلىشى  مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملىنىشى پىلانلىنىۋاتقان پاراخوت 2020 – يىلى تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «2018 – يىلى ئىزمىرغا ئەڭ كۆپ گېرمان ساياھەتچىلەر كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈركىيەگە كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 25.5 ئېشىپ، 3.8 مىليونغا يەتتى.

 تۈركىيەدە ساياھەتتە بولغان گېرمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تاللاش ئوبېيكتى ئىزمىر بولدى. ئىزمىر، ئۆكتەبىر ئېيىغىچە رۇسىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 966 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

تۈركىيەگە كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر تىزىملىكىدە، 604 مىڭ 73 كىشى بىلەن رۇسىيە بىرىنچى رەتتىن، 589 مىڭ 626 كىشى بىلەن گېرمانىيە ئىككىنچى رەتتىن، 264 مىڭ 17 كىشى بىلەن ئەنگلىيە ئۈچىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر