18.10.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1070843
18.10.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مولداۋا مۇھىم باياناتلارنى بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مولداۋا پىرېزىدېنتى ئىگور دودوننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زىيارىتى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، خەلق بانكىسى ۋە زىرائەت بانكىسىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مولداۋادا شۆبە ئاچىدىغانلىقنى جاكارلىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇنبىچ مەسىلىسى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا: «ئەگەر سىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىڭلار بولسا، تېررورچىلارنى بىز تازىلىساقمۇ بولىدۇ» تەرىسىقىدە سىگنال بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى تولىمۇ بىمەنە ئىش ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئېمبارگو ياكى بۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى توغرۇلۇق ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كۆز قارىشىمىز ئوخشاش» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەنقەرە – رىم ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئۇچۇش مۇلازىمىتىنى ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى.

ئىتالىيەگە قارىتا تۇنجى ھاۋا قاتنىشىنى 1959 – يىلى ئەنقەرە – رىم لىنىيەسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ پايتەختلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سەپەرلىرىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن،  2019 – يىلى 7 – يانۋار كۈنى باشلىنىدىغان ئەنقەرە – رىم سەپەرلىرى ھەپتىدە ئىككى كۈن بولىدۇ. دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان سەپەرلەر ئۈچۈن بېلەتلەر ھازىردىن باشلاپلا سېتىلىشقا باشلىدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا مۇزاكىرىلىرى داۋاملاشماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيەنىڭ موسكۋا باش ئەلچىسى ھۈسەيىن دىرىئۆز، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ۋىزىسىز ساياھەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرۇلۇق داۋاملىق خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دىرىئۆز، «رۇس – تۈرك سودا بىرلىكى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق توختالغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئورتاق مەنپەئەتلەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت»  پىرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ پىرىنسىپلارغا ئاساسەن ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. تۈرك ۋە رۇس رەھبەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىرادىنىڭ قەتئىيلىكى سايىسىدا، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر ساھەدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىمىز، بۇ ھەقتىكى ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە ۋىزىسىز ساياھەت خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن دىرىئۆز، مۇنداق دېدى: «ئۆزئارا ۋىزىسىز ساياھەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مەقسىتىدە داۋاملىق خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز ھەم مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىن، كونسۇلخانىلارنىڭ مەسلىھەت كېڭەشلىرىدىن كېيىن، نويابىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا چاقىرىلىدۇ.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈرك ئالىمنىڭ مۇكاپاتلىق لايىھەسى <راك كېسەللىكىنى داۋالاش> تا <ئۈمىد چىرىغى> بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىزمىر خەلقئارا بىيومېدىتسىنا ۋە گېن گۇرۇپپىسى ئىنىستىتۇتى تەتقىقات ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى دوتسېنت جان كۈچۈك، مەۋجۇت شەرت – شارائىت ئاستىدا «غالجىر» راك كېسەللىكىگە ئايلىنىپ كېتىش خەۋپىنى تەخمىن قىلغىلى بولمايدىغان ئىككى تۈرلۈك كېسەللىك ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىات لايىھەسى بىلەن، دۇنيادا 8 تۈرلۈك ئالىمغا بېرىلىدىغان «يەر شارى خاراكتېرلىك تەتقىقات مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.

 ئىگىلىنىشىچە، « Overt multiple myeloma» كېسەللىكىنى داۋالاشتا «ئۈمىد چىرىغى» بولغان بۇ لايىھە ئارقىلىق، پەقەت قان تەكشۈرۈش بىلەنلا «راك كېسەللىكى» نى ئېنىقلاپ چىقىشنى قولايلاشتۇرۇش نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر