15.10.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1068799
15.10.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ساباھ> گېزىتى»، «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم شىۋېيتسارىيەدە تۈركلەر بىلەن ئۇچراشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم ۋە ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ھەيئىتى، شىۋېيتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇپ ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى. يىلدىرىم، تۈرك توپلۇقى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدە، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك توغرىسىدا توختالدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «ئاسەلسان قىبرىسقا مەبلەغ سالىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:  ئاسەلسان (ھەربىي ئېلېكتىرون سانائىتى شىركىتى) شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە تېخنولوگىيە مەبلىغى سالىدۇ. تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى بايراقدار شىركىتى ئاسەلسان، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تېخنولوگىيە مەركىزى ئاچىدۇ. ئېچىلىدىغان مەركەزدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاسەلسان مۇئاۋىن باش مۇدىرى مەھمەر چەلىك، «كىچىك ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە دۇنيادا ئىلغار تېخنولوگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشىنى نىشان قىلماقتىمىز» دېدى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «ھىندونېزىيەلىك ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار تۈرك چېدىرلىرىدا كۈن ئۆتكۈزىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ھىندونېزىيەدىكى ئاپەتتە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان 250 چېدىر، ئېھتىياجلىق رايونلارغا تىكىلدى. تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ ھىندونېزىيە ئەترىتى باشلىقى ئالى ئاقگۈل يەنە، يۈك ئايروپىلانلىرى بىلەن تۈركىيەدىن ئېلىپ بېرىلغان مىڭ دانە ئۇيقۇ تۇلۇمى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدىلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن ئوزۇق – تۈلۈك ۋە تازىلىق ئەشيالىرىنىڭ تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «لوندوننىڭ ئەڭ ياخشى رېستورانلىرى مۇئەييەنلەشتى! تۈرك رېستورانلىرىمۇ ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: دۇنيانىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئىقتىساد ژۇرناللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان فوربېس، ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا 2018 – يىلى ئېچىلغان ئەڭ ياخشى رېستورانلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە ئورۇن ئالغان ئەڭ ياخشى 5 رېستورانىنىڭ قاتارىغا تۈرك رېستوران «رۇيا (چۈش)» مۇ كىردى. ئانادولۇ تائاملىرىنى دۇنياغا تونۇتۇش مەقسىتىدە ئېچىلغان رېستوراندا ئەڭ ئېسىل تائاملار تەييارلىنىدۇ.

«<ستار> گېزىتى»، «54 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى تۈركىيە ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئېدۋارد پرادېس بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: 54 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى تۈركىيە ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى (TUR 2018) دە Euskadi Basque Country –Murias كوماندىسىدىن ئىسپانىيەلىك ماھىر ئېدۋارد پرادېس رېۋېرتېر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. مۇسابىقىدە، ئاستانا پرو كوماندىسىدىن قازاقىستانلىق ماھىر ئالېكسېي لۇتسېنكو ئىككىنچى، كاتۇشا ئالپېسىن كوماندىسىدىن ئاۋسترالىيەلىك ماھىر ناتان خائاس ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر