11.09.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1046954
11.09.2018

ۋاتان گېزىتى «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گىرېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيە دائىرىلىرى گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن غەربىي تىراكىيا تۈركلىرى تەرىپىدىن سايلانغان تۈرك مۇپتىسىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي: غەربىي تىراكيا تۈركلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىدىن خەۋىرىمىز بار. غەربىي تىراكىيا تۈركلىرى تەرىپىدىن سايلانغان مۇپتىنى ئېتىراپ قىلماي كېلىۋاتقان گىرېتسىيەدىن بۇ سەلبىي پوزىتسىيەسىگە خاتىمە بېرىشىنى ۋە غەربىي تىراكىيا تۈركلىرىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنىڭ ئورۇندىلىشىنى تەلەپ  قىلىمىز، دېدى.»

ھۈررىيەت گېزىتى «ئىككىنچى چارەكتىكى ئىقتىسادىي رەقەملەر ئېلان قىلىندى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە ئىقتىسادىي بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە %5.2 زورايدى. بۇ جەھەتتە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئېشىپ كەتكەن تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىككىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. »

ھابەر تۈرك گېزىتى «مىنىستىر ئالبايراك تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەراك ئالبايراك تۈركىيە ئىقتىسادىدا بۇ  يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە كۆرۈلگەن ئىلگىرىلەش ئۈستىدە توختالدى، ئالبايراك ئىككىنچى چارەك ئىقتىسادىي رەقەملەرنىڭ ئىقتىسادتا مۇۋازىنەت باسقۇچىنىڭ باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مىنىستىر ئالبايراك بۇ ئەھۋالنىڭ ئۈچىنچى چارەكتىن باشلاپ ئىچكى تەلەپتىكى ئاستىلاشنىڭ روشەنلەشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەڭ مۇھىم نىشاننىڭ قىزىل رەقەم ۋە پۇل پاخاللىقنى تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

يېڭى شەپەق گېزىتى : «قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورتىدا رېكورت يارىتىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە 2017-2018 يىللىرىدا 279 مىڭ 343 توننا قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورت قىلىپ قۇرۇق ئۈزۈم ساھەسىدە 453 مىليون 498 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى. قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورتى %8 ئاشتى. قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورتىدا يىراق شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئۈلۈشى %8دىن %11غا يەتتى.»

سىتار گېزىتى «ھالەھۆيۈكتە 800 يىللىق ئاھى ماكانلىرى تېپىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «كىرشەھىرنىڭ 5000 يىللىق تارىخى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھالەنھۆيۈك قېزىلما خىزمەتلىرىدە، ئەڭ كونىسى 800 يىل بۇرۇنقىغا تەۋە سەلچۇقىيلار ۋە ئوسمانلى دەۋىرلىرىدە ئىشلىتىلگەن ئاھى ماكانلىرى چىقىرىلدى. رايوندا 2009-يىلى باشلىغان قېزىلما خىزمەتلىرى بىر مەھەل توختىتىپ قويۇلدى، 2012-يىلى قايتىدىن باشلىغانىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر