16.08.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

1033480
16.08.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، ئاكباڭك (Akbank) باش مۇدىرى ھاكان بىنباشگىلنىڭ تۈركىيە لىراسىغا چەت ئەللەردە كۆپ تەلەپ بارلىقىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەنگلىيەدىن مۇھىم بىر خەۋەرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، گۇردىيان گېزىتىنىڭ ئەنگلىيەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان چەت ئەل پۇللىرى شىركەتلىرىدىن « ICE» نىڭ پۇل كاسىسىدا لىرا قالمىغانلىقىنى يازغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە كىرىزىس تەخمىنلىرى بىلەن تونۇلغان داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى مارك فېيبېر ئامېرىكا باشلىغان سودا ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىنىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇ: «سودا ئۇرۇشلىرى رەسمىي قاراملىق. يەنە كېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاۋاتقان بىر مەزگىلدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھازىر تۈركىيە پاي چەكلىرىنى سېتىۋېلىش ئەڭ مۇۋاپىق، بىر مىقدار تۈركىيە پاي چەكلىرى ئالىمەن. مېنىڭچە، تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنىڭ دەل ۋاقتىدۇر » دېگەن.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەگە قارشى پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشى قوزغىغان دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

س ن ن تېلېۋىزىيەسى ئاكسىيە بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشىنى، «تۈركىيە بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋەتتى» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا خەۋەر قىلغان.

س ن ن نىڭ مەزكۇر خەۋەر ئانالىزىدا، «غەرب تۈركىيەدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئېغىر بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دېيىلگەن.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 10-نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر كونفېرانسىغا قاتنىشىپ، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ: «سودا-سانائەتچىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن بارىدىغانلاردىن ۋىزا ئېلىنمايدۇ. رۇسىيە بىلەن سودا-سانائەتچىلىرىمىزگە، بولۇپمۇ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلماسلىق توغرىسىدا پىرىنسىپ جەھەتتە كېلىشتۇق، رۇسىيەنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەرتۈرك گېزىتى»، 2018-يىلى ئىيۇل ئېيىدا چەت ئەللىكلەرگە سېتىلغان ئۆي سانىنى 2017-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %65.6 ئېشىپ، 2 مىڭ 856 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

2018-يىلى ئىيۇل ئېيدا ئىستانبۇلدا چەت ئەللىكلەرگە 956 ئۆي سېتىلغان بولۇپ، بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان. ئانتاليادا 641 ئۆي سېتىلغان بولۇپ، ئىككىنچى رەتتە تۇرغان. بۇرسادا 176 ئۆي سېتىلغان بولۇپ ئۈچىنچى رەتتىن، يالوۋادا 167 ئۆي، ساكاريادا 132 ئۆي سېتىلغان بولۇپ، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.

ئۆيلەرنى ئەڭ كۆپ ئىراق، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، رۇسىيە ۋە كۈۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى سېتىۋالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر