15.08.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1032515
15.08.2018

ھۈررىيەت گېزىتى «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: ئامېرىكىنىڭ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىمىز، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى ۋەقپىسى تەرىپىدىن ئەنقەرە سودا ئۇيۇشمىسى بىناسىىدا چاقىرىلغان <ھۆكۈمەتنىڭ 16 يىللىقى ۋە ئادالەت ۋە تەرەقىيات پارتىيەسى > ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا قارشى تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.»

ھابەر تۈرك گېزىتى «بىنالى يىلدىرىم: تۈركىيە بۇ كىرىزستىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ چىقىدۇ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈركىيە ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم مۇنداق دېدى: تۈركىيە سىياسىي مەقسەتلەرنى كۆزلەپ ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەرگە تاقابىل تۇرالايدۇ، تۈركىيە بۇ كىرىزستىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. تاشقى پىرۇۋۇتتىكى داۋالغۇشلار تۈركىيەنىڭ ھەققىي ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېگىدە ئىقتىساد ئەمەس سىياسەت ياتىدۇ.»

ۋاتان گېزىتى «مىنىستىر ئالبايراك چەت ئەللىك كارخانچىلار بىلەن كۆرۈشىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بارات ئالبايراك ئەتە چەت ئەل كارخانىچىلىرى بىلەن تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئالبايراك چەت ئەل كارخانىچىلىرىغا خىتاب قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى چوڭ كارخانىچىلار بولۇپ دۇنيا مىقىياسىدىن 750دىن 1000غىچە كىشىنىڭ ئىشىتراك قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.»

ساباھ گېزىتى «تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېلان بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى»سەرلەۋھىلىك  خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەر ئامېرىكىغا قارىتىلغان ئېلان ئېمبارگوسى سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە يېقىندىن ئاۋاز قوشماقتا. تۈرك تېلېگراف شىركىتىدىن كېيىن تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشتى. تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېلان بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى مېدىيا ئىشخانىسى باشلىقى يەھيا ئۈستۈن، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادېرىسىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ مەسىلىدە قانداق قىلىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا يوليۇرۇق چۈشۈردى.»

سىتار گېزىتى «ۋاندا ئۇرارتۇلۇقلارنىڭ ئىزى بايقالدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «قەدىمىي ۋان قەلئەسى ئەتراپىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتى ۋان رايونى تارىخ ۋە ئارخىئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى دوسېنت دوكتور ئەركان كونيار باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان قېزىلما خىزمەتلىرىدە ئۇرارتۇلۇقلارنىڭ ئىزى بايقالدى. كونيار 26سانتمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ۋە 36 نومۇرلۇق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئاياق ئىزىنىڭ تېپىلغان جايدىن كېسىپ ئېلىنىپ تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن مۇزېيغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئېيتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر