17.07.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1013748
17.07.2018

يېڭى شەپەق گېزىتى «مۇنبىچ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە مۇنبىچقا مۇناسىۋەتلىك ئورتاق يول خەرىتىسىنى ئىجرا قىلىش ۋە سۈرىيە كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا ئوخشاش مەسىلىلەر تىلغا ئېلىندى، ئىككى رەھبەر تۈركىيە-ئامېرىكا ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش لازىملىقىنىمۇ بىردەك تەكىتلەشتى.»

ھۈررىيەت گېزىتى «دۇنيا لوڭقىسى مېۋە-چېۋە ئېكسپورتىغا پۇرسەت ياراتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيەنىڭ مېۋە-چېۋە ئېكسپورتى يانۋار-ئىيۇن مەزگىللىرىدە بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا مىقدار جەھەتتىن %16 ئېشىپ 2 مىليون 63مىڭ تونناغا،  قىممەت جەھەتتىن بولسا %23 ئېشىپ 1 مىليارد 175 مىليون 565 مىڭ دوللارغا يەتتى. ئۇلۇداغ ئېكسپورتچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەزگىلدە 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلغان رۇسىيەگە ئەڭ كۆپ مېۋە-چېۋە ئېكسپورت قىلىنغان.»

ساباھ گېزىتى « يەرلىك تېخنولوگىيەنىڭ زەپىرى: ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانى 2023-يىلى پەرۋاز قىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيە يەرلىك ۋە مىللىي قورال ئىشلەپچىقىرىش يولىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلدى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئامبىرىدىن ئورۇن ئالغان ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرىپ كېلىۋاتقان بايراكتار شىركىتىنىڭ تېخنىكا ئىشلىرى مۇدىرى سەلچۇق بايراكتار يەنە بىر خۇشخەۋەر بەردى. بايراكتار ئەنئەنىۋى تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلان لايىھەسى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىۋتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ 2023-يىلى پەرۋاز قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.»

ھابەر تۈرك گېزىتى «يەرلىك كاپىتانسىز دېڭىز كېمىسى لايىھەلەپ چىقىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئىزمىردە تۈرك كارخانىچى مەھمەت سالىھ ئارىكۆك ئاپتوماتىك ۋە تىزگىنەكلىك كاپىتانسىز دېڭىز كېمىسى لايىھەلەپ چىقتى. <كەشىپ>نامى بېرىلگەن بۇ كېمە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى، يەر تەۋرەش ياكى كانلارنى تەكشۈرۈش ۋە ھەربىي ئىشلار بولۇپ كۆپ ساھەدە ئىشلىتىلىش ئۈچۈن لايىھەلەپ چىقىلدى، بۇ كېمەنى قوراللىق كاپىتانسىز دېڭىز ھەربىي كېمىسىگىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.»

سىتار گېزىتى «تۈرك مۇزىكىلىرى بالقان رايونىدا ياڭرايدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى-تۈركسوينىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياش مۇزىكانتلار تۈركسوي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرىنى بالقان خەلقىگە تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. »



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر