07.06.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

987830
07.06.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە گىرېتسىيە پىرېزىدېنتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پروكوپىس پاۋلوپوئۇلوسنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىت يىغىنىدا، تۈركىيە توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پروكوپىس پاۋلوپوئۇلوسنىڭ دۆلىتىمىز ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئەگە مەسىلىلىرى دائىرىسىدە گىرېتسىيەنىڭ سىياسىي ئىغۋاگەرلىكلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمىز.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغ FBI نىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

مۇئاۋىن باش مىنىستىر، قوشۇمچە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش بىيورۇسى FBI نىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوغدىماقتا ھەم داۋاملىق كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋالماقتا. ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش بىيورۇسى FBI فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى توغرىلىقمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

«‹ستار› گېزىتى»، «ستولتېنبېرگ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇنبىچ مەسىلىسىدە يول خەرىتىسى توغرۇلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىدىن خۇرسەن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇنبىچ مەسىلىسىدە يول خەرىتىسى توغرۇلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركلەرنىڭ يانفون ئويۇنى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئويغالغان 10 ئورۇن قاتارىدىن ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىككى تۈرك ئىنژېنېر تەرىپىدىن ياسالغان يانفون ئويۇنى 6 كۈن ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 4 مىليون كىشى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئويۇن، 22 دۆلەتتە ئەڭ كۆپ ئوينالغان 10 ئويۇن قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئەگە رايونىدىكى مېھمانخانىلار ساياھەتچىلەر بىلەن % 100 تولۇپ تاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئەگە رايونىنىڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ دىدىم ۋە قۇشئاداسى ناھىيەلىرىدكى مېھمانخانىلار، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ تەتىلگە قويۇپ بېرىلىشى ۋە روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىن زاكاس قىلغان ساياھەتچىلەر بىلەن  % 100 تولۇپ تاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر