14.05.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

970217
14.05.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ستار> گېزىتى»، «ئەردوغان: ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇدۇسقا يۆتكىشى ئېغىر خاتالىق (دېدى) سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەنگلىيە ب ب س ئەرەبچە قانىلىدا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئورۇنسىز ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى ۋە «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇدۇسقا يۆتكىشى ئېغىر خاتالىق» دېدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ تەدبىرىگە قارشىلىق بىلدۈرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئىمپورتىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش قارارىغا قارىتا، تۈركىيەنىڭ پىكىرلىرىنى ناھايىتى روشەن شەكىلدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ ھەپتىدىن تارتىپ، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قارشى قەدەم تاشلايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق» دېدى.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «ساياھەتچىلىكتە ماي ئېيى رېكورتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ساياھەتچىلىك ساھەسىدە 2018 – يىلى 14 مىليون ساياھەتچى جەلپ قىلىپ تارىخىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاشنى نىشان قىلغان ئانتاليادا ماي ئېيىنىڭ دەسلەپكى 10 كۈنىدىكى ئېشىش نىسبىتى %56 گە يەتتى. شەھەردىكى كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ساياھەتچى سانى 47 مىڭغا؛ 10 – مايغىچە شەھەرگە كەلگەن ئومۇمىي ساياھەتچى سانى 1 مىليون 670 مىڭغا يەتتى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «تۇنجى يەرلىك ۋاكسىنا 2022 – يىلى سېلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: بالىلار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار سانائەت ھەمكارلىقى لايىھەسى 10 يىللىق سېتىۋېلىش كاپالىتى بىلەن 12 يىللىق ھۆددىگە بېرىش ئېلانى چىقىرىلدى. سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆددىگە بېرىش يىغىنى 10 – ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىن يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش باشلىنىدۇ. 2022 – يىلىدىن باشلاپ بالىلارغا پۈتۈنلەي تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىلار سېلىنىدۇ.

«<ستار> گېزىتى»، «نافىئا قۇش ئاياللار 73 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ياۋروپا تەكۋاندو چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە مىللىي تەنھەرىكەتچى نافىئا قۇش ئاياللار 73 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ ئاياللار 73 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە مەيدانغا چۈشكەن نافىئا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە  رۇسىيەلىك ئارىنا زىۋوتكوۋانى 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر