18.04.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

953885
18.04.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشى ۋە كىرىزىسقا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن، تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ئاستانا مۇساپىسى دائىرەسىدە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، كۆرۈشۈشتە يەنە، تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ھېس قىلىنغان خۇشاللىقلارنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا توپلانغان مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خىتابنامىدە، ھۆكۈمەتكە جىددىي ھالەتنى ئۇزارتىشنىڭ تەۋسىيە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى بىخەتەرلىكى بىلەن خەلقئارالىق خەۋپسىزلىك مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان سىياسىي ۋە ھەربىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈنۈگۈن (17-ئاپرېل) مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزتاغنىڭ مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزتاغنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى «بايراق ۋەقەسى» ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەگەدە تېپىلغان ئاراللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلار ناھايىتى ئېنىق. ھېچكىم تۈركىيەدىن ئەگەدە يۈز بەرگەنلەرگە كۆز يۇمۇپ، رۇخسەت قىلىشىنى كۈتمىسۇن. ئەگەر گىرېتسىيە ئۆز ئالدىغا ئىشنى پۈتكۈزۈشنى خىيال قىلسا، ئۇ خىيال ئەگەدە چۆكۈپ كېتىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراكنىڭ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنىڭ سودا ھەمراھى بولۇش سۈپىتىدە، بولۇپمۇ تەخمىنەن 40 مىليارد ياۋروغا يەتكەن سودا ئومۇمىي ھەجىمىدە، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىمپورتىدا ئىككىنچى، ئېكسپورتىدا بىرىنچى دۆلەت بولۇش سەۋەبىدىن تۈركىيە ئۈچۈن ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان مۇھىم شېرىك ۋە ھەمراھ دۆلەتتۇر» دېگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، خىتايدا «2018 تۈركىيە ساياھەت يىلى» نىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىشنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا تەڭپۇڭلۇقلىرى ئىچىدە يېڭى تىنچلىق ۋە ئىلاستىكىلىققا ئىگە تەرتىپنىڭ شەكىللىنىشىگە ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر