03.04.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

943481
03.04.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەرتۈرك گېزىتى»، رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى-كرېمىلنىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى يۇرى ئۇشاكوۋنىڭ مۇخبىرلارغا پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، مەسلىھەتچى ئۇشاكوۋنىڭ پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەردىن باشقا، سۈرىيە مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە ھەربىي ئېلېكترونلۇق سانائىتى ئاسەلسان (ASELSAN) نىڭ، تانكا ۋە تاكتىكىلىق ئېغىر تىپلىق قۇرۇقلۇق ئاپتوموبىللىرىنى ھەمدە مۇقىم ئەسلىھەلەرنى قوغداش مەقسىتىدە تەرەققىي قىلدۇرغان سارپ (SARP ) ناملىق يىراقتىن تىزگىنەك ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان قورال سىستېمىسىدىن بۈگۈنگىچە تەخمىنەن 1350 دانە ياسىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قوراللاردىن مىڭ دانىسى مەملىكەت ئىچىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، قالغانلىرى چەت ئەللەرگە سېتىلغان. ئاسەلسان پات ئارىدا سارپ ئائىلىسىگە يېڭى قوراللارنى قوشۇشقا تەييارلانماقتا ئىكەن.

«ۋەتەن گېزىتى»، گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېۋان ئىزورىيا تۈركىيەنىڭ ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ ھەربىي قوراللىرىغا قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىزورىيانىڭ 30-مارتتا باشلانغان ئىككى كۈنلۈك ئەنقەرە زىيارىتى دائىرەسىدە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى بىلەن گىرەسۇندا كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىزورىيا: «ھەمكارلىق ئورنىتىشقا كۆڭۈل بۆلىمىز، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلىدۇق. بۇ ساھەدە تۈركىيەنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇھىم مۇساپىسى بار، بۇ خەلقئارالىق سەۋىيەدىمۇ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بىزمۇ ئارمىيەمىزنى زامانىۋىيلاشتۇرغاندا سىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭلارغا كۆپ كۆڭۈل بۆلىمىز، بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى دائىرەسىدە ھەمكارلىقىمىزنىڭ كېلەچەكتىمۇ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

«ستار گېزىتى»، ئانتاليا ۋالىيسى مۈنىر كارائوغلۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق 2017-يىلنىڭ مارت ئېيىدا شەھەرگە 165 مىڭ ساياھەتچىنىڭ كەلگەنلىكىنى، بۇ يىل ئوخشاش مەزگىلدە ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 286 مىڭغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋالىي مۈنىركارائوغلۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2017-يىلنىڭ مارت ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %73، مۇشۇ يىلنىڭ ئۈچ ئېيىدا بولسا %47 ئېشىش كۆرۈلگەن. ئۇ 2018-يىلى ئۈچۈن نىشان قىلىنغان «14 مىليون ساياھەتچى» نىڭ كېلىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر