12.02.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

908919
12.02.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئىستانبۇلدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى لېيتىنانت گېنېرال ھ.ر.مەكماستېر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەكىتلەپ ئۆتۈلگەنلىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلىرى ۋە سەزگۈر قارايدىغان نۇقتىلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئۇچرىشىشتا يەنە، ئۇزۇندىن بۇيان ئىتتىپاقداش بولۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك سىناقلار ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «باش ئىشتاب باشلىقى ئاقارنىڭ ئافرىن باياناتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار ئافرىن توغرىسىدا بايانات بەردى. ئۇ، «شېھىتلىرىمىز ۋە غازىلىرىمىزنىڭ بىر تامچە قېنىمۇ يەردە قويۇلمايدۇ.» دېدى. خاتايغا بېرىپ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تۈپ مۇددىئاسىنىڭ چېگرا رايونى ۋە ئافرىندا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون خەلقىنى تېررورچىلارنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇش شۇنداقلا تۈركىيەدىكى تۇرۇۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ خاتىرجەم ھالدا يۇرت – ماكانلىرىغا قايتىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «ئۆيلەرنىڭ گازى تۇز كۆلىدىن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۇز كۆلىدە تەبىئىي گاز زاپاسلاش خىزمەتلىرى باشلىدى. ئاقساراي ۋىلايىتىنىڭ سۇلتانخانى ناھىيەسىدە قۇرۇلغان ۋە 2023 – يىلىغا بارغاندا رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان قۇرۇلما ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئۆي – ماكانلاردا ئىشلىتىلىدىغان يىللىق تەبىئىي گاز ئىستېمالىنىڭ %50 گە يېقىنىنى تەمىنلەشكە يەتكۈدەك مىقداردا، يەنى 5.4 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپاسلىنىپ، ئېھتىياج چۈشكەندە ئىشلىتىش نىشان قىلىنماقتا.

«<ستار> گېزىتى»، «ھۆكۈمەت خۇش خەۋەرنى بەردى: 48 سائەتتە كۆچىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان، ئىستانبۇل يېڭى ئايرودۇرۇمىنىڭ %80 ىنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ئايرودۇرۇمنىڭ 29 – ئۆكتەبىردە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «48 سائەت ئىچىدە كۆچۈپ، 24 سائەت ئىچىدە ئۇچۇش خىزمەتلىرىنى بۇ يەرگە يۆتكەيمىز» دېدى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «مۇزلۇقلارنىڭ چارلىغۇچىسى تۈرك تەتقىقاتچى ئايال» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيەلىك ئايال تەتقىقاتچى دوتسېنت دوكتور بۇرجۇ ئۆزسوي، ئانتاركتىكادا ئاي – يۇلتۇزلۇق بايراقنى لەپىلدەتكەن تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ھالدا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى بىلەن ھەم تۈركىيەنىڭ ھەم ئاياللارنىڭ ئىپتىخارىغا ئايلاندى. «مۇز چوققىلىرىنىڭ چارلىغۇچىسى» سۈپىتىدە رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان 2 – نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ئانتاركتىكا ئىلىم سەپىرى ئەترىتىدە 4 نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 27 كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئۆزسوي، بۇ يىل 10 ئايال تەتقىقاتچىنىڭ قىتئەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر