18.01.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

891426
18.01.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى» مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغنىڭ مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغاندا، تۈركىيەنىڭ پ ي د – ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئۇشتۇمتۇت ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلاش ئېھتىمالى توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈركىيە سەۋرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى، بۇنىڭدىنمۇ چوڭ خەتەرلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. تۈركىيە دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەۋجۇد بولۇشى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش كېرەك بولغان قەدەملەرنى بېسىشتىن ھەرگىز يانمايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، رۇسىيە تەرەپتىن كەلگەن تەلەپكە بىنائەن ئەمەلگە ئاشقان كۆرۈشۈشتە، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، سوچىدا مۇشۇ ئاي ئاخىرى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان «سۈرىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسە يىغىنى» ۋە سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ياۋروپا گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات بانكىسى باشلىقى (EBRD) سۇما چاكراباتىنىڭ 18-19-يانۋاردا تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، سۇما چاكراباتىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيەدە بۇ يىل 1.5 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە مەبلىغىمىز بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، تۈركىيە بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىمىز، يېقىنقى ئۈچ يىلدا تۈركىيەگە جەمئىي 5.4 مىليارد ياۋرو مەبلەغ ساپتىمىز، 2016-يىلنىڭ ئاخىرقى ئۈچ چارىكىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا، تۈركىيەدە ئىقتىسادىي ئېشىش ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولدى، كېلەچەك ھەققىدىكى پەرەزلەر ناھايىتى ياخشى» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىلەن مولدوۋانىڭ ئەڭ چوڭ ھاۋا يوللىرى شىركىتى (Air Moldova) ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا كود ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كېلىشىم بىلەن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىلەن مولدوۋا ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىستانبۇل –كىشىنېۋ ھاۋا لىنيەسىدە بىرسىنىڭ ئاۋىياتسىيە سەپىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇچۇش كودىنى قويالايدىكەن. كېلىشىم 2018-يىل 29-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

«ستار گېزىتى»، سىئىرت ۋىلايىتىنىڭ 2018-يىل 25-28-يانۋار كۈنلىرى ئارىسىدا بەيلىكدۈزۈدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي ئاقدېڭىز خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش تەييارلىقىنى پۈتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر