05.10.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

820834
05.10.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيەدىكى ئوڭ چوڭ شىركەتلەردىن بىرى بولغان < Hepsiburada.com> نىڭ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى ئارقىلىق سودا – سېتىق قىلىۋاتقان تور بەتلىرىدىن بىرى بولغان « Hepsiburada.com» سېتىش تەكلىپلىرىنىڭ ئېلىنىشى مەسىلىسىدە (Goldman Sachs Group) شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزدى.

« Bloomberg International» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، « Hepsiburada.com» سېتىش تەكلىپلىرىنى (Goldman Sachs Group) شىركىتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. دۇنياغا داڭلىق سېلىنما مەسلىھەتچىلىكى ۋە پۇل – مۇئامىلە شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان (Goldman Sachs Group) شىركىتى بۇ كېلىشىم ئارقىلىق « Hepsiburada.com» غا بېرىلىدىغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.

« eBay » گۇرۇھىمۇ 2011 – يىلى « GittiGidiyor» شىركىتىنىڭ% 93 ھەسسىسىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق تۈركىيە بازارلىرىغا كىرگەنىدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، « Bollywood نىڭ داڭلىق ئارتىسى ئامىر خان تۈرك كىنو چولپانلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

Bollywood نىڭ دۇنياغا داڭلىق ئارتىسى، رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى ئامىر خان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىستانبۇلغا كەلدى.

ئامىر خان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ گۈزەل دۆلەتكە كېلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاخىرىدا ئارزۇ – ئارمانىمغا يەتتىم، ھەممە تەرىپى گۈزەللىك بىلەن تولۇپ تاشقان تۈركىيەگە كەلگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن.»

ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيە خەلقىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتقان ئامىر خان، تۈرك كىنو چولپانلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، 20 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە ۋە ھىندىستاندا بىرلا ۋاقىتتا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان « Secret Superstar» ناملىق فىلىمىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈركىيە زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە خەلقىنىڭ كىنولارغا بولغان كۆز – قاراشلىرىنى بىلىشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئىستانبۇلغا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى ئارقىلىق كەلگەنلىكىنى، شىركەتنىڭ سەپەر جەريانىدىكى مۇلازىمىتىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىركەتنىڭ يولۇچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك كۈتۈش مۇلازىمىتىنى پەخىرلەنگەن ھالدا ماختىدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «غۇربەتچىلەر ماركا ئەلچىسى بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركلەرنىڭ بولۇشى توقۇلما بۇيۇم شىركەتلىرىگە تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى. تۈركىيەدىكى توقۇلما بۇيۇم شىركەتلىرى ئېكسپورت ۋە قوشۇلما قىممەت نىسبىتىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە غۇربەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

شىركەتلەرنىڭ نىشانى غۇربەتچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ سېتىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بولۇپ، ئۇلار بۇ مەقسەتتە مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا سېتىشتا غايەت زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى بازارلارغا تېز سۈرئەتتە كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرىنى يىراق شەرققىچە يەتكۈزۈش نىشانىغىمۇ يەتتى.

ئۇلار ئامېرىكىغا لۆڭگە، ياۋروپا ۋە خىتايغا بولسا رەخت ۋە پەردە ئېكسپورت قىلماقتا.

«‹ستار› گېزىتى»، «ئۇزۇن كۆۋرۈكنى <ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺟﯩﻨﻨﯧﺲ ﺭﯦﻜﻮﺭتى ﻗﺎﻣﯘسى> غا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تەكلىپ سۇنۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئەدىرنەدىكى ئەرگەنە دەرياسىدىكى «ئۇزۇن كۆۋرۈك» نىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن تاش كۆۋرۈك سۈپىتىدە «ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺟﯩﻨﻨﯧﺲ ﺭﯦﻜﻮﺭتى ﻗﺎﻣﯘسى» كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن تەكلىپ سۇنۇلدى.

ئۇزۇن كۆۋرۈك ناھىيەسىنىڭ نامى بېرىلگەن، ئانادولۇ رايونى بىلەن بالقان رايونىنى بىر – بىرىگە تۇتتاشتۇرىدىغان ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن تاش كۆۋرۈكلۈك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان يادىكارلىق 1426 – 1443 – يىللىرى سۇلتان 2 – مۇراد تەرىپىدىن شۇ دەۋرنىڭ باش بىناكارلىق ئۇستىسى مۇسلىھىددىنگە سالدۇرۇلغان.

ئۇزۇنلۇقى 393 مېتىر، كەڭلىكى 680 مېتىر كېلىدىغان كۆۋرۈك، UNESCO نىڭ  دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ياش ۋاراتا <دۇنيا بويىچە ئىستىقبالى پارلاق 60 پۇتبولچى> قاتارىدىن ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان  «‹ The Guardian› گېزىتى»، ئالتىنئوردۇ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ 17 ياشلىق مىللىي ۋاراتارى بەركە ئۆزەرنىڭ «دۇنيا بويىچە ئىستىقبارلى پارلاق 60 پۇتبولچى» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دۇنياغا داڭلق گېزىتنىڭ «دۇنيا پۇتبولچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 60 ياش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنداق دېيىلدى:

 تىزىملىكتىن تۈركىيەدىن پەقەت ۋاراتا بەركەنىڭلا ئورۇن ئېلىشى ئالتىنئوردۇ پۇتبول كۇلۇبىنى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈردى.

Manchester City، Roma، Inter، Milan، Real Madrid، Liverpool، Ajax، Chelsea، Bayern، Münih، Borussia Dortmund، Barcelona  قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق كوماندىلاردا فورما كىيگەن ۋە 2000 – يىلى تۇغۇلغان پۇتبولچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بەركە ئالتىنئوردۇ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر سىتى كۇلۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپادىكى داڭلىق كۆپلىگەن پۇتبول كۇلۇبلىرى بەركە ئۆزەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر