22.09.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

812215
22.09.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ۋەتەن گېزىتى، «ترامپ: <مۇناسىۋەتلىرىمىز ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايپىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا ئىراقنىڭ شىمالىدا دۈشەنبە كۈنى (25–سېنتەبىر) ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان مۇستەقىللىق سايلىمى ۋە سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى ئاساسلىق تېما بولدى. ئەردوغان ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تۈركىيەنىڭ زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مۇستەقىللىق سايمىلىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ياكى كېچىكتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. دونالد ترامپمۇ ئەردوغاننىڭ پىكرىنى قوللىدى. ئەردوغان پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ گە قىلىنغان قورال ياردەملىرىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. ترامپمۇ ئەردوغاننىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر رايوندا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تولىمۇ نەتىجىلىك ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ئېيتتى ۋە: «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ياخشى كېتىپ بارىدۇ» دېدى. 

سىتار گېزىتى، «پارلامېنت چېگرا سىرتىغا ئەسكەر ئەۋەتىش قارارنامەسى ئۈچۈن يىغىن چاقىرماقچى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

مۇستەقىللىق سايلىمى ئۆتكۈزۈش تەرسالىقىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت (كورد) ھۆكۈمىتى باشلىقى بارزانىغا قارشى يولغا قويۇلىدىغان ئېمبارگولار دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ماقۇللىنىدىغان بىر قاتار قارارلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. تۈركىيە مىنستىرلار كابېنتىنىڭ ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىشكە ئالاقىدار قارارنامەسىنىڭ 25 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان مۇستەقىللىق سايلىمىدىن ئىلگىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىشى ئۈچۈن پارلامېنتىكى رەسمىيەت قىسمىمۇ تاملىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.  تۈركىيەنىڭ 2–ئۆكتەبىردە ۋاقتى توشۇش ئالدىدا تۇرغان ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىش قارارنامەسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) شەنبە كۈنى جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «يىلنىڭ 3 – چارىكىدە ئىقتىسادى تەرەققىياتىمىز %6 تىن ئېشىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈشىمىز مۇمكىن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى مۇستەقىل سودا–سانائەتچىلەر جەمئىيىتى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ 72–نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى ھەپتىسى دائىرەسىدە، نىيۇ يوركتا چاقىرغان سودا–سانائەتچىلەر مۇنبىرى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلىپ،  تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى يىلى %3.2 ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: «2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا تەرەققىياتىمىز %5.2 بولدى. 2017–يىلىنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە بولسا، يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتىمىز» دېدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەشتى:

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى «Lukoil»نىڭ تۈركىيەدىكى سېلىنمىلىرى 1 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ قېتىم «Miller» ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ئارقىلىق 6 ماي قانچىلاش پونكىتىنىمۇ ئۆز تورىغا قوشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. شىركەتتىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، چاناققەلئەدىكى «Miller» ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ داردونوس ماي قاچىلاس ئىستانسىسى دائىرەسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان 6 ماي قاچىلاش پونكىتى ئۈچۈن سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئېچىلىشتا، تۈركىيە – رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بىر ھالقىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى «Lukoil»نىڭ باش مۇدىرى ئاراش رېپاك «Miller» ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن «Lukoil» ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ تۈركىيەگە قانچىلىك ئېتىبار بېرىلىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە «Lukoil» ھەسسىدارلىق شىركىتىگە نىسبەتەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر جاي. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، مۇھىم بازار. شۇڭلاشقا سېلىنمىلىرىمىز ھەسسىلەپ كۆپىيىشنى دااۋملاشتۇرماقتا.  تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنى داۋملاشتۇرىمىز. بۇنىڭدىن ھەممەيلەن خاتىرجەم بولسا بولىدۇ» دېدى.

ساباھ گېزىتى، «تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سەھىيە بازىسى ئادانادا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

ئادانا شەھەر دوختۇرخانىسى شەرھەرنىڭ ئىچىدىن باشقا يەنە 9 ۋىلايەتتىن كېلىدىغان بېمارلارغىمۇ مۇلازىمەت قىلىشنى باشلىدى. دوختۇرخانا غازىيلار ئۈچۈن ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىق داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى يولغا قويىدىغان 150 كارۋاتلىق داۋالاش مەركىزى بىلەن بىرگە، رايوندىكى بىردىنبىر كۆيۈكنى داۋالاش مەركىزىنىمۇ ئىشقا كىرىشتۈردى. ئادانا دۆلەت دوختۇرخانىلىرى بىرلەشمىسى باش كاتىپى ياردەمچى دوتسېنت دوكتور ئىبراھىم ئەتھەم ئۆز سوي بۇنىڭ، ئادانا شەھەر دوختۇرخانىسىنىڭ سەھىيە بازىسى بولۇش يولىدا تاشلانغان ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر