07.08.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

785109
07.08.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «تۈركىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا شېرىك (بولدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «(تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 50 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان فىلىپپىندا بايانات بېرىپ ، <تۈركىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ساھەلەر بويىچە دىيالوگ شېرىكى بولدى. يول خەرىتىمىزگە يۇقىرى باھا بېرىلدى. (بۇنىڭدىن كېيىن) رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەم سىياسىي ھەم ئورگانلار ئارا مۇناسىۋەتلىرىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. سودا – سانائەتچىلىرىمىز ئۈچۈن، مۇھىم پۇرسەتلەر تۇغۇلىدۇ> دېدى.»

«<ساباھ> گېزىتى»، «شەرقىي جەنۇبتا ئاجايىپ ئۆزگىرىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ خەندەك ۋە توسۇقلىرى بىلەن ئېغىر ۋەيرانچىلىققا دۇچ كەلگەن دىيارباكىر، شىرناق، جىزرە، سىلوپى، نۇسايبىن ۋە يۈكسەكئوۋادا نۆۋەتتە تولۇق مەنىدە مەبلەغ سېلىش سەپەرۋەرلىكى داۋام قىلماقتا. شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ پۇللىرى پ ك ك غا ئەمەس، خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغاچقا، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زامانىۋى كۆرۈنۈشكە ئىگە بولدى. خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەردىكى قۇرۇلۇشلار سايىسىدا ئىچىملىك ۋە كېرەكسىز سۇ ئۈستقۇرۇلمىلىرى يېڭىلاندى، يوللار ئاسفالىتلاشتۇرۇلدى، يېڭى مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار ۋە باغچىلار ياسالدى.»

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «سودا مەركىزى ئەمەس، يەرمەنكە ساھەسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان، ئىستانبۇلدىكى ئۈچىنچى ئايرودۇرۇمنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىدىن كېيىن ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات بەردى. ئۇ، ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى ھەققىدە توختىلىپ، <ئىستانبۇلغا نەپەس ئالدۇرىدۇ. ئايرودۇرۇم يەرمەنكە ساھەسى بولىدۇ. قۇرۇلۇش ئىجازىتى بېرىلىپ سودا مەركىزى ۋە تۇرالغۇ بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس> دېدى.»

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ئۆيگە قايتىش چارىسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئەلباب، جەرابلۇس – ئازەزگە سۈرىيەلىك پۇقرالارنىڭ قايتىشلىرى داۋام قىلماقتا. ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرلىقى بىلەن ب د ت  مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى مۇتەخەسسىسلىرى، سۈرىيەگە قايتىشنى خالايدىغان ئاياللار، بالىلار ۋە ئائىلىلەرگە پىسخىك جەھەتتە ياردەم بەرمەكتە. تۈركىيەدە پاناھلانغان 3 يېرىم مىليون سۈرىيەلىكنىڭ ئىجتىمائىي جەھەتتىن ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىمۇ داۋام قىلماقتا.»

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «داڭلىق شەخسلەر تۈركىيەدىن ۋاز كەچمىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسى، تۈركىيەنى ياخشى كۆرىدىغان چەت ئەللىك سودا سانائەتچىلەر، ئارتىسلار، سىياسەتچىلەر، پادىشاھلار، سەنئەتچىلەر دېگەندەك كۆپلىگەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ ۋاز كېچىلمەس جايلىرىنىڭ بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. يېقىنقى كۈنلەردە ناھىيەگە كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا شەخسىي ساياھەت پاراخوتى بىلەن كەلگەن ئۇكرائىنالىق سودا – سانائەتچى ئالېكساندر ياروسلاۋىسكى، مېكسىكىلىق سودا – سانائەتچى رىكاردو سالىناس پىلىئېگو، دانىيە خان جەمەتى ئائىلىسى ئەزالىرى، ئەنگلىيەلىك مودېل كاتې موس ۋە بىرازىلىيەلىك مودېل ئادرىيانا لىما قاتارلىقلاردىن سىرت سىياسەتچىلەر ۋە چەت ئەللىك ژۇرنالىستلارمۇ بار. گېرمانىيە بىلد گېزىتىنىڭ سابىق باش تەھرىرى كائى دىئېكماننىڭمۇ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن بودرۇمغا كېلىشى دىققەتنى تارتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر