04.08.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

783726
04.08.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى كۆرۈشۈشتىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ۋاڭ يى: «تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خىتاي تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، مۇقىملىقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. پەلەستىن مەسىلىسىدە، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق جەمئىيەتتە ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈركىيە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىر-بىرىگە نىسبەتەن تاللاشقا بولىدىغان ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئارتۇقچىلىققا ئىگە» دېگەن.

«ۋەتەن گېزىتى»، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيەسىگە قىزىقىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان ۋە تۈركىيەگە 1 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغكە دەرۋازىسىنى ئاچقان شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى كۆتېرىگە بېرىش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقان بولۇپ، 1000 مېگاۋاتلىق تۇنجى يېكا (YEKA) شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى سىمېنىس-تۈركەرلەر-كاليون شېرىكچىلىكى قازانغان.

ئىگىلىنىشىچە، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى پۈتكەندە تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە چەت ئەلگە بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىدىكەن ۋە 1 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئىيۇل ئېيىدا پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ %0.15 ئاشقانلىقىنى، بىراق ئالتە ئايلىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ بولسا %9.79 بولۇپ، تاق خانىگە چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيۇل ئېيىدا مېۋە-چىۋە، كىيىم-كېچەك، ئاياغ قاتارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى چۈشكەن. ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرىلىغان.

«ستار گېزىتى»، قاتار سودا-ئىقتىساد مىنىستىرى ئەھمەت بىن جاسسىم ئالسانىنىڭ ئىزمىردە تۈركىيە خەلقىگە تەشەككۈرلىرىنى يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەھمەت بىن جاسسىم ئالسانى مۇنداق دېگەن:

«قاتار ئىقتىسادى بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئىسپاتلىدى. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئىقتىساد سەلبىي تەسىرگە ئۇچراۋاتقان ۋاقىتتا، بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز مەزمۇت تۇرماقتا. قاتارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. بىزگە قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارلارگونىڭ كۆپ قىسمىنى بىر قانچە سائەت ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ياردىمىدە يەڭدۇق، ھازىر ھېچقايسى مەسىلىدە كەمچىلىكىمىز يوق. بىزدىكى تەبىئىي بايلىقلار، تەبىئىي گاز ئېكسپورتى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىغا كۆپ ھەسسە قوشماقتا. تۈركىيەنىڭ سايىسىدە بىزگە قارشى رەھىمسىزلەرچە يولغا قويغان ۋە قانۇنلارغا خىلاپ ئېمبارگولارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدۇق. بۈگۈن، قاتار يەنە تەبىئىي گاز ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنى دۇنيا مىقياسىدا ئىىشلەپچىقارماقتا. يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، تەبىئىي گاز ئېكسپورتىمىزدا تۆۋەنلەش ئەمەس، بەلكى %30 ئۆرلىدى.»

«خەبەرتۈرك گېزىتى»، تۈنۈگۈن (3-ئاۋغۇست) شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يېنىك ئاتلىتكا دۇنيا ياشلار چىمپېيونلۇقىنىڭ ئاياللار يىراققا سەكرەش تۈرىدە، تۈركىيە ماھىرى ئەسرا بايراكنىڭ 5.16 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن چىمپېيون بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

18 ياشتىن تۆۋەن قىزلارنىڭ يىراققا سەكرەش تۈرىدە بولسا، مۇھسىنە گەزەر 4.17 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر