17.07.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

772089
17.07.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «15 – ئىيۇلنىڭ مىليونلارچە قەھرىمانى بار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 15 – ئىيۇل شېھىتلەر ئابىدىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، <داستانلارنىڭ پەقەت بىرلا قەھرىمانى بولىدۇ، 15 – ئىيۇلنىڭ بولسا، مىليونلارچە قەھرىمانى بار> دېدى. <دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى> دەپ ئېلان قىلىنغان 15 – ئىيۇلنى <ئۇنۇتما، ئۇنۇتتۇرما> دېگەن ۋەدىسىنى ئورۇنداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بىز نۆۋەتتە چاناققەلئەنى، ئازادلىق ئۇرۇشىنى ئۇنتۇماستىن ھەر دائىم قانداق ئەسلەپ تۇرغان، بۇ كۈرەشلەردىن تېگىشلىك ئىبرەتلەرنى قانداق ئالغان بولساق، 15 – ئىيۇلنىمۇ مۇشۇنداق بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى، دەپ قارايمىز> دېدى.»

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «تۈركىيە داستاننى تەبرىكلىمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىملىرى دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. خەۋەرلەردە، خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقۇچىلار سانى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى. گېرمانىيەدە چىقىدىغان <بىلد گېزىتى>،  خەۋىرىگە <ئىستانبۇلدا ھەيۋەتلىك يىغىلىش> دەپ ماۋزۇ قويغان بولسا، نورۋېگىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان <ئافتېنپوستېن> مۇ، مىڭلارچە كىشىنىڭ تۈرك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا كوچىلارغا چىققانلىقىنى يازدى ۋە <ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى يىلىدا پەۋقۇلئاددە كۆپ ئادەم يىغىلدى> دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. فىرانسىيەدە چىقىدىغان <لې موندې گېزىتى> مۇ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە، 15 – ئىيۇل خاتىرىلەش مۇراسىملىرىغا ئورۇن ئاجراتتى. گېزىت، خەۋىرىگە <مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىي ئىسياندىن كېيىن، تۈركىيە داستانىنى تەبرىكلىمەكتە> دەپ ماۋزۇ قويدى.»

««<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «دۇنياغا داڭلىق ئارتىس لىۋ تايلېر تۈركىيەدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو ئارتىسى لىۋ تايلېر، ب د ت  مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەفەس قەدىمىي شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغان ئىزمىرنىڭ سەلچۇق ناھىيەسىدىكى ئەفەس قەدىمىي شەھىرىنى رەپىقىسى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلغان تايلېرغا ئىككى ساياھەت يېتەكچىسى مەلۇمات بەردى. تايلېرنىڭ قەدىمىي شەھەر ساياھىتى تولۇق 5 سائەت داۋام قىلدى. تېلېفونى بىلەن قەدىمىي شەھەرنى يەتكۈچە سۈرەتكە تارتقان داڭلىق ئارتىس، تارتقان فوتو – سۈرەتلىرىنى ئىنستېگرام ئارقىلىق ئىخلاسمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.»

«<ساباھ> گېزىتى»، «ئارسلان دۇنيا چېمپىيونى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «بىردىنبىر يۇقىرىغا قاراپ 400 مېتىر ئارىلىققا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولغان Red Bull 400 دۇنيا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى، گېرمانىيەنىڭ تىتىسې – نېئۇستادت شەھىرىدە 40 دۆلەتتىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئەرلەر تۈرىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلغان ئەھمەت ئارسلان، 03:31.01 لىك دەرىجىسى بىلەن، گېرمانىيەلىك ئانتون پالزېزنى 1 سېكۇنت پەرق بىلەن ئاتلاپ ئۆتۈپ، كۆكرىكىنى يىپقا تەگكۈزدى. ئاياللار تۈرىدە بولسا، ئەجە باكىجى، 05:42.07 لىك دەرىجىگە ئېرىشىپ ئالتىنچى بولدى. بۇ تۈرنىڭ بىرىنچىلىكىنى ياپونىيەلىك يۇكارى تاناكا ئالدى. ھاياتىدىكى 15 – قېتىملىق Red Bull 400 مۇسابىقىسىنىڭ ئون تۆتىدە غەلىبە قازانغان ۋە تارىخنىڭ تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى بولغان ئەھمەت ئارسلان، <بۇ 15 – مۇسابىقىدە يۈگۈرۈش ۋە غەلىبە قىلىش ناھايىتى مۇھىم ئىدى. چۈنكى، بۇ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىش دېگەنلىك، دۇنيا چېمپىيونلۇقى ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇش دېگەنلىك بولاتتى. ناھايىتى خۇشالمەن، دېدى.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئەڭ ياخشى ئوننىڭ ئىچىدە بىر تۈرك ئۇستا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ماردىنلىق باش ئاشپەز ۋە ئىجتىمائىي تەشەببۇسكار ئەبرۇ بايبارا دەمىر، دۇنيانىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك ئاشخانا مەدەنىيىتى مۇسابىقىسى <باسك دۇنيا ئاشپەزلىك مۇكاپاتلىرى مۇسابىقىسى> دە دەسلەپكى ئون كىشىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتى. تۇنجى قېتىم تۈركىيەدىن بىر كىشى تاللانغان بۇ مۇسابىقە، ئاشخانا مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقان ئۇستا ئاشپەزلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 100 مىڭ ياۋرولۇق مۇكاپات بولسا، بىۋاسىتە شۇ ئاشپەز ئىشتىراك قىلغان بىر ئىجتىمائىي لايىھەنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر