06.12.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

624591
06.12.2016

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلارغا بولغان ئېھتىياجنى ھەل قىلغىنىمىزدەك، سۈنئىي ھەمراھنىمۇ ئۆز ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز شەرت» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «Göktürk-1» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن جۇشقۇنلۇق كەيپىياتنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بەزى غەرب دۆلەتلىرى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش دۆلىتىمىزگە بىر قانچە ھەربىي مەھسۇلاتلارنى ساتماسلىق قارارى چىقارغىنىغا گۇۋاھ بولۇۋاتىمىز. ھەمد بولسۇنكى، تۈركىيە 14 يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا مۇداپىئە سانائىتىدە سىرتقا بولغان تايىنىشچانلىقىنى يېرىم دېگۈدەك ئازايتتى. %80 بولغان سىرتقا بولغان تايىنىشچانلىق نىسبىتىنى %40 گە چۈشۈردۇق. ئىنشائاللاھ 2023-يىلىغىچە بۇ رەقەمنى ئوتتۇرىدىن يوقاتقان بولىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىكنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن سۆھبەت تېمىلىرىنى باشلاڭلار، بۇندىن كېيىنكى مۇساپە ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۆمەر چەلىكنىڭ ياۋروپادا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئىسلام قورقۇنچى ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ئۆمەر چەلىكنىڭ تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ناتو ئۈچۈن ئېيتقاندا بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك كۆۋرۈكلەرنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، دوللار بىلەن ياۋرونى لىراغا ئالماشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قوللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، دوللىرى ياكى ياۋرونى لىراغا ئالماشتۇرماقچى بولغان خەلقنىڭ پۇل ئالماشتۇرۇش ئورۇنلىرىغا سەل بولۇپ ئاققانلىقى، بەزى ئىدارە-ئورگانلارنىڭمۇ لىراغا يۈزلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەقنى لىرا بويىچە ئېلىشنى قارار قىلغان. ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىمۇ بۈگۈن (6-دېكابىر) دىن باشلاپ بارلىق نەق پۇللىرىنى لىراغا ئالماشتۇرۇشنى ۋە ھېساباتنىڭ لىرا بويىچە بولۇشىنى قارار قىلغان.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، گەبزە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىنىدىغان ئورگانىك نۇر چاچىدىغان ئۆسۈملۈكلەر لايىھەسى ئارقىلىق كوچا ۋە يوللاردىكى يورۇتۇش سىستېمىلىرىنىڭ ئورنىغا، ئۆسۈملۈكلەرنى ئىشلىتىشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كوچىلاردىكى يورۇتۇش سىستېمىلىرىنىڭ ئورنىنى بۇندىن كېيىن ئورگانىك نۇر چاچىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئالىدىكەن. قەيت قىلنىشىچە، ئاتەش قۇرتىغا ئوخشاش جانلىقلاردىن ئېلىنغان گېنلەر ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. يورۇتۇش ۋە ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تېمىسىدا تەتقىقات قىلىۋاتقان گەبزە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى خىمىيە بۆلۈمى لايىھە ياردەمچىسى مۇرات شاھىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتەش قۇرتى ۋە قالپاقلىق مېدوزىغا ئوخشاش نۇر چاچىدىغان جانلىقلارنىڭ گېنى ئۆسۈملۈكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئۆسۈملۈكلەر بۇ گېنلارنى گەۋدىسىدە تارقىتىشى بىلەن، ئىچىدە مولېكۇلا بولغان نۇرلار ئەتراپقا تارىلىدىكەن.

«ساباھ گېزىتى»، «ھوللىۋۇدتىكى بىر ئوسمانلى ھېكايىسى» ناملىق فىلىمنىڭ 2017-يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلىشىپ ئىشلىگەن فىلىمنىڭ دەسلەپكى كۆرۈنۈشلىرىنىڭ تارقىتىلغانلىقى ۋە فىلىمدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شەرقىي ئانادولۇ رايونى ۋەزىيتىنىڭ چۈشەندۈرۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.             



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر