تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 26.08.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

559985
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 26.08.2016

 

ساباھ گېزىتى، «تۈركىيەنىڭ سايىسى كۈپايتە قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قاراشلىق جەرابلۇس ناھىيەسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاشنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د/ ي پ گ نى فىراتنىڭ شەرقىگە چېكىندۈرۈشنى نىشان قىلغان تۈركىيە 36 سائەتتە بىرمۇ ئەسكىرىنىڭ بۇرنى قانىماستىن نىشاننى ئىشقا ئاشۇردى. تۈركىيە جەرابلۇسنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د/ ي پ گ نى فىراتنىڭ شەرقىگە چېكىندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدى. تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشىنى شەرق تەرەپكە كېڭەيتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «خۇش كەلدىڭلار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ چېگرا سىرتىغا تانكا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن مۇداخىلە قىلىشى سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭچىلارنى ئىنتايىن خوشال قىلدى. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى ۋە جەرابلۇس خەلقى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى «خۇش كەلدىڭلار» دېگەن سۆزلىرى  ۋە شاتلىق چوقانلىرى بىلەن قارشى ئالدى. تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىلەن قوزغىلاڭچى قىسىم ئەسكەرلىرى بۇ قېتىمقى غەلىبىسىنى بىر بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ تەبرىكلىدى. «فىرات قالقىنى» ھەرىكىتىنى باشقۇرۇۋاتقان ئالاھىدە قىسىم قوماندانى گېنېرال زەكائىي ئاقساقاللى ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ئۈچۈن جەرابلۇسقا باردى. ئۇنى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى ئىنتايىن خوشال - خوراملىق بىلەن قارشى ئالدى. گېنېرال زەكائىي ئاقساقاللى ناھىيە مەركىزىدە تەكشۈرۈشلەردە بولدى. يەرلىك قىسىملارنىڭ ناھىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «ھاككارىنىڭ ئىككى چېگرا ئېغىزى قايتىدىن ئېچىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھاككارىنىڭ ئىراق ۋە ئىرانغا ئېچىلىدىغان بىراق تاقىۋتىلگەن ئىككى چېگرا ئېغىزىنى  قايتىدىن ئېچىش قارارى ئالدى. ئۆتكەن يېلى تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق تاقىۋېتىلگەن ئۇزۇملۇ چېگرا ئېغىزى بىلەن ئەسەندەرە چېگرا ئېغىزى پات يېقىندا پائالىيەت باشلايدۇ. چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن چېگرا سودىسىنىڭ روناق تېپىشى ۋە قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتۈش ۋەقەلىرىنىڭ ئازېيىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ھۆررىيەت گېزىتى، «تۈركىيەنىڭ 40 ھۆددىگەرلىك شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھۆددىگەرلەر قارتارىدىن ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى:

قۇرۇلۇش ساھاسىدە چوڭ شىركەتلەر مۇئەييەنلەشتى. «Engineering News Record» ژۇرنىلى ھۆددىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئالدىنقى يىللىق پائالىيەتلىرىنىڭ كېرىمىنى ئاساس قىلىپ ئېلان قىلغان «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 250 ھۆددىگەرلىك شىركىتى» تىزىملىكىدە تۈركىيەنىڭ 40 شىركىتى ئورۇن ئالدى. تىزىملىكتە 65 ھۆددىگەرلىك شىركىتى بىلەن 1 - ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتايدىن قالسىلا تۈركىيە 40 شىركىتى بىلەن 2-  ئورۇننى ساقلاپ قالدى. ئامېرىكا بولسا، 39 شىركىتى بىلەن 3 – بولدى. 

سىتار گېزىتى، «شىۋېتسىيە <پارچىمۇ پارچە> ناملىق تېلېۋزىيە تىياتورىنى كۆرىدىغان بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

تۈركىيەدە ئىشلەنگەن <پارچىمۇ پارچە> ناملىق تېلېۋزىيە تىياتورى شىۋېتسىيەنىڭ دۆلەتلىك قانىلى «SVT2» دە تارقىتىلىشقا باشلاندى. 20 ھەپتە بويىچە ھەر كۈنى كەچتە 19:30 دا قۇيۇلىدىغان <پارچىمۇ پارچە>، شىۋېتسىيەدە جەمئىي 100 قىسىم قويۇلىدىغان تۈنجى كۆپ قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن چوڭ ئۇتۇققا ئېرىشتى. بۇ تېلېۋزىيە تىياتورى دۇنيادا 50 دىن كۆپرەك دۆلەتكە سېتىلغان بولۇپ، شۋېتسىيەدە «Förvaxlingen» «مالىمانچىلىق» دېگەن ئىسىم بىلەن قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر