29.08.2014

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

107842
29.08.2014

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:«يېڭى شەپەق گېزىتى»، «رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قەسەم قىلدى» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ 12 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدە قەسەم قىلدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى جەمىل چېچەكنىڭ باشچىلىقىدا توپلاندى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قەسەم بەرگەندىن كېيىن چانكايا سارىيىغا بېرىپ، چەت ئەل رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان مۇراسىمدا 11 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلدىن ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
«ساباھ گېزىتى»، « ASELSAN» شىركىتىنىڭ كىرىمىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان تەلىپىنى قامداش مەقسىتىدە قۇرۇلغان « ASELSAN» شىركىتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا سېتىشلىرىنى ئاشۇرغان. شىركەتنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى سېتىشلىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %14 ئاشقان.
«رادىكال گېزىتى»، پوروشېنكونىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشېنكو تۈركىيە زىيارىتىنى «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ بىكار قىلىۋەتكەن. ئۇ خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۈچۈن بېسىلىدىغان كېيىنكى قەدەم توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدىكى باياناتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «تۈركىيەگە قىلماقچى بولغان زىيارىتىمنى، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا بولۇشى ۋە ئامۋىروسىيىۋكا، ستاروبېشىۋە ۋە دونېتسىك قاتارلىق جايلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇردۇم.»
«ستار گېزىتى»، ئايروپىلان بېلەت باھاسى تىزىملىكىدە تۈركىيەنىڭ 7 – ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مەركىزىي گېرمانىيەگە جايلاشقان «گو ئېرو» ئىزدەش ئىنتېرنېت بېتى ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئەڭ ئەرزان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. تۈركىيە بۇ تىزىملىكتە 7 – ئورۇندا تۇرغان. تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ئىجتىمائىي ئالاقە بېتىدە بۇ ئۇچۇرنى «ھاۋا يولى خەلقنىڭ يولى» سەرلەۋھىسىدە ئورتاقلاشقان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادا ئەڭ ئەرزان ئايروپىلان بېلەتلىرى ھىندىستاندا سېتىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر