20.08.2014

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 20.08.2014

97475
20.08.2014

يېڭى شەپەق گېزىتى، تۈركىيەنىڭ غەززەگە ياردەم قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى. گېزىت ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىزنىڭ پەلەستىن ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئومەر قىتاناھ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى يازدى. خەۋەردە، پەلەستىندە قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە ئېنېرگىيە ساھەسىدە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلغان تانەر يىلدىزنىڭ، «100 مېگاۋاتلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى غەززەدىكى بىر پورت ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئىسرائىلىيەدىن كېلىدىغان 10 لىنىيە بومباردىمان قىلىندى ۋە غەززە 120 مېگاۋاتلىق ئېنېرگىيەدىن مەھرۇم بولدى. تۈركىيە ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىنى تىنچلىققا ماس ھالدا يولغا قويىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
سىتار گېزىتى «تۈركىيە نامراتلىققا قارشى كۈرەشتە ئۈلگىلىك دۆلەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ نامراتلىققا قارشى كۈرىشىدىكى رولىنىڭ تۈركىيەنىڭ سودا-سانائەتچىلەر ۋە پايچىكلەر ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىروگراممىسى ئىستانبۇل خەلقئارا خۇسۇسىي ساھە ۋە تەرەققىيات مەركىزى ھەمكارلىقى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا مۇزاكىرىگە قويۇلغانلىقىنى يازدى. گېزىت،يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە سودا-سانائەتچىلەر ۋە پايچىكلەر ئۇيۇشمىسى باشلىقى رىفات ھىسارجىكلىئوغلۇنىڭ «تۈركىيە نامراتلىققا قارشى كۈرەشتە نەمۇنە دۆلەتتۇر» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. خەۋەردە دۇنيادا ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتلەر دېيىلگەندە تۈركىيەنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان رىفات ھىسارجىكلىئوغلۇنىڭ، «تۈركىيە سانائىتى، يېزا-ئىگىلىكى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى ۋە ئىختىساسلىق ئىنسانلىرى بىلەن  20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بىرىدۇر» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ساباھ گېزىتى «موناكو تاركاننىڭ يولىغا قارىماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۇنياغا مەشھۇر چولپانلارنى كۈتۈپ كېلىۋاتقان كارلو ساممېر فېستىۋالىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا تاركاننىڭ ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. گېزىت، ياۋروپا خان جەمىتى خان ۋە خانىشلىرىدىن سىرت مەشھۇر كىشىلەرمۇ كۆرىدىغان كونسېرت ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى يازدى. خەۋەردە، فىرانسىيە چولپىنى موناكونىڭ مونتې كارلو شەھرىدە 40 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان، دۇنياغا مەشھۇر چولپانلار ئويۇن قويىدىغان «مونتې كارلو ساممېر فېستىۋالى»نىڭ، بۇ يىل تۇنجى قېتىم بىر تۈرك چولپىنىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقى، ئۇ تۈرك چولپىنىنىڭ تاركان ئىكەنلىكى، تاركاننىڭ 22-ئاۋغۇستتا فېستىۋالنىڭ يېپىلىشىدا ناخشا ئېيتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ھۈررىيەت گېزىتى، «ياۋروپانى كەينىدە قالدۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۇنيا ئالتۇن كېڭىشىنىڭ 2014-يىلى ئىككىنچى چەرەكىدە ئالتۇن دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىت، دوكلاتتا ئەڭ كۆپ ئالتۇن زاپىسى بولغان 40 دۆلەتنىڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن مۇھىم ئورگان ۋە دۆلەتنى ئارقىدا قالدۇرۇپ تىزىملىكنىڭ 12-قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى يازدى.
مىللىيەت گېزىتى، «ۋېلىسپىت يولى لايىھەسى قوللاشقا ئېرىشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇھىت ۋە شەھەر-قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەييارلاپ چىققان ۋېلسپىت يولى لايىھەلىرىگە 4 مىليون 718 مىڭ تۈرك لىراسى ياردەم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. گېزىت، قاتناش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاۋا بۇلغىنىشنى ئازايتىش، شاۋقۇن-سۈرەننى پەسەيتىش، يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولۇشتا رول ئوينايدىغان، ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە مۇھىتنىڭ قوغدىلىشى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، ئىقتىسادقىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋېلىسپت مىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلغان لايىھەنىڭ مۇھىت ۋە شەھەر-قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر