تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

74312
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! ئاخشام گېزىتىنىڭ، «قەتلىئام قاراڭغۇلىقى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاياتتا قالغان پەلەستىنلىكلەرنىمۇ يوقۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن غەززەنىڭ بىردىن بىر توك ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقى، ئېلېكتىر بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەشمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكى ۋە دوختۇرخانىدىكى يارىدارلارنىڭمۇ چارىسىز قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە، غەززەگە دۇنيانىڭ باشتىنلا كۆزىنى يۇمۇۋالغانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا، غەززەنىڭمۇ تېخىمۇ بەك قاراڭغۇلۇقتا قالغانلىقى تەكىتلەندى.
يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئەخلاقسىز تەكلىپ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشقا تىرىشىۋاتقان تېلئەۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ غەززەدىكى ئىشغالىيەت ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەسكەرلىككە بېرىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بىر يىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.
خەۋەردە، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭمۇ تېل ئەۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىكى دوستلىرى ۋە خالىسانە ياردەم قىلغۇچىلىرى ئارقىلىق توپلانغان ئىئانىلەردىن بېرىلدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
سىتار گېزىتى، «ئەڭ كۆپ چەت ئەل مەبلىغى سالغانلار خىتاي شىركەتلىرى بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ھاياتى يازىچىنىڭ تۈركىيەدە مۇشۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە 185 ھېسسىدارلىق شىركىتى بىلەن 1005 بىرلەشمە شىركەت بولۇپ، جەمئىي 1190 چەت ئەل مەبلىغى سېلىنغان شىركەت قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.
خەۋەردە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شىركەتلىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مىللىيەت گېزىتى، «(Pirelli) شىركىتى تۈركىيەدە چوڭ پايدا بىلەن يولغا چىقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ (Pirelli) شىركىتىنىڭ 2014 – يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 617 مىليون لىرالىق ئايلانما مەبلەغكە ئېرىشكەنلىكىنى يازدى.
خەۋەردە (Pirelli) شىركىتىنىڭ يانۋاردىن ئىيۇنغىچە بولغان مەزگىلدە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئايلانما مەبلىغىنىڭ %10 پىرسەنت ئاشقانلىقى، ئۆسۈم ۋە باجنى ھېساپلىمىغاندا قولغا كەلتۈرگەن پايدىسىنىڭ %100 كە يەتكەنلىكى ھەمدە يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان ئايلانما مەبلىغىنى %8 پىرسەنتكە، نەخ پايدىسى بولسا %57 پىرسەنتكە چىقارغانلىقى تەكىتلەندى.
ۋەتەن گېزىتى، «ئىزتۇزى تولۇپ تاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇغلانىڭ ئورتاجا ناھىيەسىدىكى دۇنياغا مەشھۇر ئىزتۇزى كۆلى ۋە سۇغۇق سۇيى بىلەن تۇنۇلغان يۇۋارلاقچاينىڭ ھېيتتا دەم ئېلىشكە چىققانلارنىڭ ئېقىنىغا ئۇچۇرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك ئىزتۈزى كۆلىگە قىزىققانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ھۆررىيەت گېزىتى، «ھامبورگنىڭ كىنوچىلىق مۇكاپاتى فاتىھ ئاكىنغا بېرىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈرك رېژىسسور، سىنارىيە يازغۇچىسى ۋە كىنو – فىلىم ئىشلىگۈچى فاتىھ ئاكىننىڭ ھامبورگ كىنو فېستىۋالىدا «2014 – يىللىق دوگلاس سىرك مۇكاپاتى»غا لايىق كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە، فېستىۋالنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئالبېرت ۋېدېرسپىگەلنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئاكىن ھەم تۈركىيەدە ھەم گېرمانىيەدە ياشايدىغان كىنو – فىلىم ئىشلىگۈچلەرگە نىسبەتەن بىر ئۈلگە ھسابلىنىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر