2014/07/07

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

120391
2014/07/07

«‹مىللىيەت› گېزىتى» نىڭ «مۇھەممەد ئۈچۈن ئالتە كىشى تۇتقۇن قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، غەربىي قىرغاقتا ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ياشنىڭ ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۆلۈك ھالەتتە تېپىلىشىغا قارشى ئۆلتۈرۈلدى، دەپ قارىلىۋاتقان 16 ياشلىق پەلەستىنلىك مۇھەممەد ئەبۇ خۇدەير جىنايىتى دائىرىسىدە ئالتە ئىسرائىلىيەلىكنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. گېزىت، پەلەستىن باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن تىرىك تۇرغۇزۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان خۇدەير بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشتە دىققىتىنى ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپىلارغا مەركەزلەشتۈرگەن ئىسرائىلىيە ساقچى دائىرىلىرى ئىچىدە جىنايەتنىڭ ‹مىللىيەتچىلىك› سەۋەبىدىن سادىر قىلىنغانلىقى پىكرىنىڭ ئېغىر باسقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.
«‹ھۆررىيەت› گېزىتى» نىڭ «ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئۇرغان ياشقا ئۆيىگە نەزەربەند قىلىش جازاسى بېرىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، نەۋرە تۇغقىنى مۇھەممەد ئەبۇ خۇدەيرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن ھەپتە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن قاتتىق ئۇرۇلغان 15 ياشلىق پەلەستىنلىك تارىق ئەبۇ خۇدەيرنىڭ 9 كۈن ئۆيىگە نەزەربەند قىلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىت، سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر بالىنىڭ ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىگە تاش ئاتقانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشنىڭ بۇ مۇددەت ئىچىدە تەكشۈرۈلىدىغانلىقىغا قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. خەۋەردە، تارىق ئەبۇ خۇدەيرنىڭ قوللىرى باغلانغان بولۇشىغا قارىماي ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.
«‹ساباھ› گېزىتى» نىڭ «مۇداپىئەنىڭ خوجايىنلىرى ئەنقەرەدە ئۇچرىشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئوستىم مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىككىنچى قېتىملىق ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى ھەمكارلىق كۈنلىرىدە دۇنيانىڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. گېزىت، ئوستىم مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئۇيۇشمىسى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى مىتھات ئەرتۇغنىڭ ‹14- ئۆكتەبىردىن 16- ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتكە ئايرباس، بويىڭ، روللس رويس، لوچىيد مارتىن، سىكورسكي دېگەندەك شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىدۇ› دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىت، ئەرتۇغنىڭ پائالىيەتكە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرىدىن باشقا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىنمۇ ئىشتىراك قىلىدىغانلارنىڭ بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
«‹ئاكشام› گېزىتى» نىڭ «150 چەت ئەل سەرمايىسى تۈركىيە ئىشىكىدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا مەسلىھەت بېرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ بىرىدە باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۆمەر كوتاننىڭ كانادا، سىنگاپۇر ۋە جۇڭگودىن 150 كە يېقىن دۆلەت ۋە پىنسىيۇنېر سەرمايىسى ئورگىنىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى. گېزىت، چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ 10، 20 يىل كېلەچىكىگە قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كوتاننىڭ، «كىشى بېشىغا 10 مىڭ دوللار كىرىم، يىلدا 4-5 %لىك ئېشىش مەبلەغ سالغۇچىغا جەزبدار كېلىدۇ» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
«‹ستار› گېزىتى» نىڭ «تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېرىم مىليارد دوللارلىق پادىچى ئىشتىنى ساتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە تەييار كىيىم ساھەسىنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتكە 551 مىليون 819 مىڭ دوللارلىق پادىچى ئىشتىنى ئېكسپورت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. گېزىت، تۈركىيەنىڭ يانۋار – ماي ئايلىرى ئارىسىدا ياۋروپادىكى ئەڭ كۆپ پادىچى ئىشتىنى ساتقان دۆلەت گېرمانىيە بولغانلىقىنى، گېرمانىيەدىن قالسا، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە دانىيە ئورۇن ئالغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
«‹ۋەتەن› گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «يەرمەنكىلەرنى 15 مىليون ئادەم كەزدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، سودا ۋە پاي چېكى بازارلىرى بىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا كۆرە، تۈركىيەدە 2013- يىلى جەمئىي 407 يەرمەنكە ئېچىلغانلىقىنى يازدى. بۇ يەرمەنكىلەرنى 15 مىليون 500 مىڭ 48 تۈرك ۋە چەت ئەللىكنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، يەرمەنكىلەردە جەمئىي 60 مىڭ 520 شىركەتنىڭ بوتكا ئاچقانلىقى قەيت قىلىندى.
«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «دانىيەدە قۇرئانى كەرىم ‹ئەڭ ياخشى سېتىلغان كىتابلار تىزىملىكىدە›» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دانىيەدە نەشر قىلىنغان دانىيەچە قۇرئانى كەرىمنىڭ دۆلەتتىكى بەزى كىتابخانا ۋە تور ئارقىلىق سېتىش ئورۇنلىرىدا ئەڭ كۆپ تەلەپ قىلىنىۋاتقان كىتابلار قاتارىغا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. گېزىت، تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ دانىيە تۈرك دىنىي ئىشلار ۋەقفى ئارقىلىق تەييارلاتقۇزۇپ 2014- يىلى ئاپرېلدا باستۇرۇلغان قۇرئانى كەرىم تەرجىمىسىنىڭ ھەم مۇسۇلمانلار ھەم غەيرى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن كۈچلۈك تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر