تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

110354
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! ساباھ گېزىتى، دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئىستانبۇل 3 – نۆۋەتلىك مۇرەسسەچىلىك كونفېرانسىدا سۆزلىگەن «رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارنىڭ مۇرەسسەچىلىكتە ئېشىۋاتقان رولى» تېمىلىق نۇتىقىغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.
گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيە كىرىزىسى ھەققىدە توختىلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ توغرا ۋاقىتتا، توغرا كىشىنى خەلقئارالىق قىممەت قاراشلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئەمەلىي ھەرىكەتكە سالالمىغانلىقى سەۋەبىدىن مانا ھازىرقى نۇقتىغا كېلىپ قالدۇق. ئىراق بىلەن سۈرىيە مەسلىسى چېگىش بىر شەكىلدە بىر – بىرى بىلەن گېرەلىشىپ كەتكەن ھالغا كېلىپ قالدى. ھازىر چوڭ بىر كىرىزىس ئىشىك ئالدىدا كۈتمەكتە ۋە بىز خوشنىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئىككى كۈندە بىر ئېلېكتىر ئىستانزىسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىزنىڭ «2014 – يىلىنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيىدا 101 ئېلېكتىر ئىستانزىسىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ھەر ئىككى كۈندە بىر ئېلېكتىر ئىستانزىسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرگەن بولدۇق» دېگەن سۆزىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.
خەۋەردە، تانەر يىلدىزنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئېلېكتىر ئىستانزىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسلىرى قۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ جەمئىي 1264 مېگاۋات ئېلېكتىر ئىشلەپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە قۇرۇلغان مۇئەسسەلەرنىڭ بولسا، جەمئىي 2197 مېگاۋات ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچىنىڭ %13 پىرسەنت ئېشىپ، جەمئىي 66134 مېگاۋاتقا يەتكەنلىكىنى ھەمدە ئېلېكتىر ئىستانزىسى سانىنىڭمۇ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %20.8 ئېشىپ، ئەسلىدىكى 822 دىن 993 كە چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ھۆررىيەت گېزىتى، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋزىيە ئىدراىسى مۇدىرى ئىبراھىم شاھىننىڭ يېقىنلىشىپ قالغان يېڭى تارقىتىش مەزگىلى ئۈستىدە توختالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ئىبراھىم شاھىننىڭ بۇ يىل تۈركىيە رادىيو – تېلېۋزىيە ئىدراىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 – ۋە تۈركىيە كېنوچىلىقىنىڭ 100 – يىلىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋزىيە ئىدراىسىنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرسى كىنوچىلىق ساھەسىگە تۆھپە قوشۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى ھەمدە تۈركىيە رادىيو – تېلېۋزىيە ئىدراىسى بولۇش سۈپىتى 30 تېلېۋزىيە فىلىمى ئىشلىتىش قارارى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە يەنە، ئىبراھىم شاھىننىڭ «تۈركىيەدە تېخىچە پىششىقلاش ئىشلەنمىگەن نۇرغۇن ھېكايىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز، قولىدا سىنارىيەسى بولغان كىشى ياكى شىركەت مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر 31 ئىيۇلغىچە بىزگە سۇنسا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە 30 سانارىيەنى تاللاپ تېلېۋزىيە فىلىمى ئىشلەتكۈزىمىز. بىز ھەممە ئادەمنىڭ قىلغىنىنى ئەمەس، ھېچ كىشىنىڭ قىلالمىغىنىنى ۋە باشقىلار قىلىشقا جاسارەت قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشماقتىمىز. بۇ ئارقىلىق كېنوچىلىق ساھەسىنى يېڭى سىنارىيە يازغۇچىلىرىغا، ئارتىستلەرگە ۋە رېژىسسورلارغا ئىگە قىلىشنى نىشان قىلماقتىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر