2014/06/26

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

108210
2014/06/26

«‹ئاخشام› گېزىتى» نىڭ ئىقتىسادىي ئۇچۇر سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «ئۆي – مۈلۈك سېتىشلىرى ماي ئېيىدا بۇ يىلنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەدە ماي ئېيىدا ئۆي – مۈلۈك سېتىشنىڭ %8 ئېشىپ، 90 مىڭ 377 گە چىققانلىقى ئەسكەرتىلدى. گېزىت، ئىستانبۇلنىڭ 17 مىڭ 852 ئۆي – مۈلۈك سېتىپ %19.8 لىك ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى، شۇنداقلا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى. گېزىت، ئىستانبۇلدىن كېيىن ئەنقەرەنىڭ %12.2 لىك سېتىش كۆرسەتكۈچى بىلەن ئىككىنچى، ئىزمىرنىڭ %6.5 لىك سېتىش كۆرسەتكۈچى بىلەن ئۈچىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
«‹ساباھ› گېزىتى»، «بېنىننى پەرۋاز قىلدۇرىدىغان زىيارەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىزمىر سودا باشقارمىسىنىڭ ئافرىقا ئەللىرىدىن بېنىنگە 28 كىشىلىك بىر ھەيئەت بىلەن زىيارەتتە بولغانلىقىنى يازدى. گېزىت، 2- نۆۋەتلىك تۈركىيە – بېنىن سودا مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلغان بېنىن پىرېزىدېنتى بونى يايىنىڭ، ئىزمىرلىق سودا – سانائەتچىلەرنى رايونغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتتى. يايىنىڭ «ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېشىشنى سىلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز. ئەمدى دوستلۇقىمىزغا ئەگىشىپ كونكرېت قەدەملەرنى كۆرۈشنى خالايمىز» دېگەنلىكىنى قەيت قىلغان گېزىت، ئىزمىر سودا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئەكرەم دەمىرتاشنىڭ بولسا، قولىمىزدىن كېلىدىغان ياردەمنى قىلىشقا تەييارمىز. تەجرىبىلىرىمىزنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن كەلدۇق» دېگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
«‹ستار› گېزىتى»، «ئانزاك نەۋرىسى تۈركىيە ئىقتىسادىنى مەدھىيلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئانزاكلارنىڭ چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ 100- يىلى بولغان 2015- تە ناھايىتى كۆپ كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ئەترەت بىلەن تۈركىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى، ئازناك نەۋرىسى بولغان يېڭى زېللاندىيە تەرەققىيات ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى پېتېر چرىپسنىڭ تۈركىيەگە مەدھىيەلەرنى ياغدۇرغانلىقىنى يازدى. گېزىت، داۋالغۇش ئىچىدىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى ئېشىش ۋە مۇقىملىقنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چرىپسنىڭ، تۈركىيەنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىقتىسادىي ئېشىش ھېكايىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
«‹خابەرتۈرك› گېزىتى»، «زېھنىي كۈچى بىلەن پالەچ قولىنى ھەرىكەت قىلدۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ئوھىئو دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلىنغان بىر قېتىملىق تەجرىبىدە، بوينىنىڭ تۆۋەن تەرىپى پالەچ بولۇپ قالغان 23 ياشلىق ئىئان بۇرخارتنىڭ مېڭىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر دىتالنىڭ سايىسىدا زېھنىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. گېزىت، مېدىتسىنا تارىخىدىن ئورۇن ئالىدىغان بىر كەشپىيات، دەپ قارىلىۋاتقان تەجرىبىدە بۇرخارتنىڭ بۇنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان تۇنجى پالەچ بىمارى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
«‹مىللىيەت› گېزىتى»، «ياخشى، يامان ۋە سەتنىڭ سەتلىكىگە ۋىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، كلىنت ئېستۋۇد باش رول ئالغان ئۇنتۇلماس غەرب فىلىمى «ياخشى، يامان ۋە سەت» نىڭ «سەت» ئارتىسى ئېلى ۋاللاچنىڭ 98 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر