تۈركىيە خوجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ 32 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە خوجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ 32 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن  ئەزەربەيجاننىڭ خوجالى شەھىرىدە بىگۇناھ پۇقرالارغا قىلىنغان قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2107248
تۈركىيە خوجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ 32 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، 1992-يىلى 26 - فېۋرالدا خوجالىدا يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا چۈشكەن قارا داغ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

باياناتتا، «خوجالىدا ئۆلتۈرۈلگەن 613 قېرىندىشىمىز ۋە شۇ كۈنى يارىلانغان، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى يوقاپ كەتكەن بارلىق ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ ئازابى ھېلىمۇ قەلبىمىزدە» دېيىلدى ھەمدە قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن بىرگە، ئەزەربەيجان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 1992-يىلى 26-فېۋرالدا ئەزەربەيجاننىڭ خوجالى شەھىرىدە بىگۇناھ پۇقرالارغا قىلغان قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەيمىز» دېيىلگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر