ئەزەربەيجان ۋەكىللىرى ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى يىغىنىدىن چىقىپ كەتتى

ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكى فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى.

2093289
ئەزەربەيجان ۋەكىللىرى ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى يىغىنىدىن چىقىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكى ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ كىملىك ​​ھۆججەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدىكى نۆۋەتتىكى چىدىغۇسىز ئىرقچىلىق، ئەزەربەيجان ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى كەيپىياتىغا قارشى ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكى ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدىكى ھەمكارلىقى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قايتا ئۇقتۇرۇش قىلىنغۇچە ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى» دېدى.

«كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ بۇ قۇتراتقۇلارچە ھۇجۇمىنى 7-فېۋرال ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت سايلىمىغا تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى بىلەن چېتىپ ئىزاھلىغانلىقى»غا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئەزەربەيجانغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى» قەيت قىلىنىپ، ئۆكتەبىردە ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ بىر تەرەپلىمە قارار ماقۇللاپ، باكۇنى قاراباغ ئەرمەنلىرىنى «مەجبۇرىي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىمۇ تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر