ئەلىيېۋ: ئەزەربەيجان ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، تۇنجى بولۇپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىمەن
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ دۆلىتى ھەر قانداق ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە بىرىنچى بولۇپ تېلېفون قىلىدىغان كىشىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
2087320
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجان تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا بايانات بەردى؛ ئۇ ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشى (2020-يىلى 27-سېنتەبىردىن 10-نويابىرغىچە) داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى تېلېفون سۆھبەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەڭ كۆپ كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.