ئەزەربەيجاندا يەر تەۋرىدى

ئەزەربەيجاندا 5.6 ​​بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى.

2073699
ئەزەربەيجاندا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باياناتىدا، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 08.16 دە ھازار (كاسپىي) دېڭىزىدا، ئابشېرون يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىن 56 كىلومېتىر يىراقلىقتا، 68 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.6 ​​بال يەر تەۋرىگەن.

باياناتتا، باكۇدىمۇ ھېس قىلىنغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى ياكى ماددىي زىيان كۆرۈلۈپ-كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر