تۈرك دۇنياسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى ۋە مەركەزلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلدى

تۈرك ئاكادېمىيەسى قارمىقىدا تۈرك دۇنياسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى ۋە مەركەزلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلدى.

2063164
تۈرك دۇنياسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى ۋە مەركەزلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلدى
Volga-Ural Bolgesi Arkeolojisi.jpg
ARICA1.jpg
ARICA.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ قوللىشى بىلەن 9-، 10 – نويابىر كۈنلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە تۈرك دۇنياسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى ۋە مەركەزلىرى بىرلەشمىسى باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خىزمەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا تۈرك ئاكادېمىيەسى رەئىسى شاھىن مۇستافايېف، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، رۇسىيەگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى، ئۆزبېكىستاننىڭ قاراقالپاقىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە موڭغۇلىيەدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە مەركەزلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى قاتناشتى.

تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى شاھىن مۇستافايېف يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، تۈرك دۆلەتلىرىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلارنى ماسلاشتۇرۇش ۋە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك ئىنستىتۇتلىرى ۋە مەركەزلىرىنى بىرلەشتۈرىدىغان بىر قۇرۇلما بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تۈرك دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان يىغىن ئىشتىراكچىلىرى، ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى ۋە مەركەزلىرىنىڭ بىر  تور شەكىللەندۈرۈپ، ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىلىنىپ، بىرلەشمە تەتقىقات ۋە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغان سۇپا قۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

ئىشتىراكچىلار، تۈرك ئاكادېمىيەسى قارمىقىدا تۈرك دۇنياسى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى ۋە مەركەزلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.

يىغىن دائىرىسىدە يەنە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەييارلىغان 7 توملۇق «ۋولگا ئۇرال رايونى ئارخېئولوگىيەسى» ناملىق ئەسەرمۇ تونۇشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر