قاراتاغ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيە باش ئەلچىسى بارىش كالكاۋان بىلەن كۆرۈشتى
قاراتاغ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىلىپ ئىۋانوۋىچ پايتەخت پودگورىكادا تۈركىيەنىڭ قاراتاغدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارىش كالكاۋان بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشىتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمىي مۇناسىۋەتنىڭ ئىنتايىن ياخشى كېتىپ بارغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
فىلىپ ئىۋانوۋىچ نەچچىلگەن ئەسىرلىك دىپلوماتىك رىشتىلەر ۋە دوستلۇقنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنى ئۆزئارا مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقلىرىنى سەمىمىلىك ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۈندىگەنلىكىنى ئېيتتى.
باش ئەلچى كالكاۋانمۇ تۈركىيەنىڭ قاراتاغ بىلەن ئىقتىسادتىن باشقا يەنە، ساياھەت، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان لايىھەلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىرادىسىنى يەتكۈزدى.
ئۇچرىشىشتا، تەرەپلەر «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان مەۋجۇت ۋە يېڭى تەشەببۇسلار دائىرىسىدە ئالاقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.