باش مىنىستىر ئۈستئەل ئەردوغان ۋە فىدانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستئەل جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدانغا رەھمەت ئېيتتى.

2060255
باش مىنىستىر ئۈستئەل ئەردوغان ۋە فىدانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر ئۈستئەلنىڭ قازاقىستاندا چاقىرىلغان يىغىندا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ <شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى بۈيۈك تۈرك ئائىلىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى> دەپ ئاتىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق يىغىنلاردا بۇ پوزىتسىيەنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «مەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىزنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈستئەل باياناتىدا، باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، «قىبرىس تۈرك خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئادالەتسىز ۋە ئادىمىيىلىككە يات يالغۇز قالدۇرۇشلارغا ھەممىمىز بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قوللاشقا چاقىرغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانغىمۇ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر سۇپىدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن ئىشىنىمەنكى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى دۇنيادىكى بارلىق سەھنىلەردىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار، بۇ كۈچلۈك ئۇچۇرلار سايىسىدا ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ ۋە قىبرىس تۈرك خەلقى دۇنيا بىلەن قوچاقلىشىش سەپىرىنى دادىل قەدەملەرنى تاشلاپ داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر