تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى غەززەدىكى ئەلئەھلى دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يۈزلەرچە پۇقرانىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسى ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2053916
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى غەززەدىكى ئەلئەھلى دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يۈزلەرچە پۇقرانىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قەتئىي سۈرەتتە ئەيىبلەيدۇ. دوختۇرخانىلار ۋە سەھىيە خادىملىرىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى تەكىتلەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان باياناتىدا، تەرەپلەر دىققىتىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، رايون خەلقىنىڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 17 – ئۆكتەبىر غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىپ، 471 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا تۆت مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 12 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر