ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي تېلېفونلاشتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي تېلېفونلاشتى.

2046584
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، زېلېنسكىي ئەلىيېۋغا تېلېفون قىلغان؛ سۆھبەت جەريانىدا، زېلېنسكىي ئەزەربەيجاننىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان زور مىقداردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، بولۇپمۇ قىش مەزگىلىگە كىرىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە ساھەسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.

ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنسكىي ئىككى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا- قايتا تەكىتلەپ، رايون بىخەتەرلىكى، نۆۋەتتىكى تەھدىت ۋە كەلگۈسى ھەمكارلىق شەكىللىرى ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر