شولز بىلەن ئەلىيېۋ تېلېفونلىشىپ، رايون ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز تېلېفونلاشتى.

2046809
شولز بىلەن ئەلىيېۋ تېلېفونلىشىپ، رايون ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولزنىڭ پىرېزىدېنت ئەلىيېۋغا تېلېفون قىلىپ، رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، شولز گېرمانىيەنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېلنىڭ بىريۇسسېل مۇساپىسىنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان شولز، گېرمانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ رايونغا قاراتقان زىيارىتىگىمۇ ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ بولسا، ئەزەربەيجاننىڭ رايوننىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە بىريۇسسېل مۇساپىسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەلىيېۋ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قاراباغدىكى ئەرمەن ئاھالىلەرگە يوللىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھەمدە بۇ ئاھالىلەرنىڭ كۆچمەنلىك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەلىرى بويىچە نەق مەيدان مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى، ئالاقىدار تىزىملاش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم ئىنتېرنېت تور بېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رايونغا قاراتقان زىيارىتى ھەققىدە توختالغان ئەلىيېۋ، بۇ دائىرىدە، پۇقرالار ۋە پۇقراۋى ئۇل-ئەسلىھەلەرگە زىيان يەتكۈزۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر