ئۆزبېكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتىكى بىر شىركەت ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا بىر ئادەم قازا قىلدى، 163 ئادەم يارىلاندى.

2043441
ئۆزبېكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش  ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، پايتەخت تاشكەنتنىڭ سېرگېلى رايونىدىكى بىر شىركەتنىڭ ئىسكىلاتىدا نامەلۇم سەۋەب بىلەن ئاۋۋال پارتلاش، ئاندىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

نەق مەيدانغا ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئەۋەتىلگەن.

ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشتا بىر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 163 ئادەم يارىلانغان، يارىلانغانلاردىن 24 ى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، باشقا يارىدارلار بولسا نەق مەيداندا داۋالانغان.

ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئارىپوۋ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، تەكشۈرۈشلەردە بولغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئاچىلباي راماتوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارتلاشتا زىيانغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت كومىتېتى قۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر