ئەزەربەيجان قىزىلئاي جەمئىيىتى  قاراباغدىكى ئەرمەنلەرگە ياردەم يوللىدى

ئەزەربەيجان قىزىلئاي جەمئىيىتى  قاراباغدا ياشايدىغان ئەرمەنلەرگە 40 توننا ئۇندىن تەركىب تاپقان يېمەك-ئىچمەك ياردىمى يوللىدى.

2030580
ئەزەربەيجان قىزىلئاي جەمئىيىتى  قاراباغدىكى ئەرمەنلەرگە ياردەم يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خانكەندى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان ئەرمەنلەرگە يەتكۈزۈلىشى ئۈچۈن 40 توننا ئۇن قاچىلانغان ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى پايتەخت باكۇدىن يولغا چىقتى.

ئەزەربەيجان قىزىلئاي جەمئىيىتى باشلىقى نوۋرۇز ئاسلان ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاگدام-خەنكەندى يولىدىن مەنزىلگە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قەدىمى تاشلىغانلىقىنى، بۇ قەدەمنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خانكەندىدا تۇرۇشلۇق ئەرمەنلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي جەرياندىن تاشقىرى بىر ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئېھتىياجلىق بولغان تەقدىردە قاراباغدىكى ئەرمەنلەرگە ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئەزەربەيجان چېگرا قوغدىغۇچىلىرىغا ئەرمېنىيەدىن ئوق ئېچىلغانلىقى ۋە خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق ئەتكەس قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ توشۇلغانلىقى سەۋەبىدىن قاراباغدا ياشايدىغان ئەرمەنلەرنىڭ ئەرمېنيەگە بېرىش-كېلىشتە پايدىلىنىدىغان لاچىن-خانكەندى يولىغا بەزى چەكلىمىلەرنى قويغان بولۇپ، پۇقرالارغا ئېچىۋېتىلگەن بۇ يولدا ئېغىر تىپلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنماي كەلمەكتە.

ئەرمېنىيە نولسا، يولنىڭ ئېتىك بولۇشىنى باھانە قىلىپ، قاراباغدىكى ئەرمېنىيە نوپۇسىنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئەرمېنىيە ئەۋەتكەن يۈك ئاپيوموبىللىرىنىڭ تەخمىنەن بىر ئايدىن بۇيان چېگرادا ساقلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئالدىن ئۆزلىرى بىلەن مۇزاكىرەلەشىلمىگەن قاتناش-تىرانسپورتلارغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  قاراباغدىكى ئەرمېنىيە ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئاگدام-خانكەندى يولىدىن پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر