تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى  پورتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى ۋە تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق غازىماغۇشا ۋە گىرنە شەھەرلىرىنىڭ پورتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

2029720
تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى  پورتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىخەتەرلىك قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى باندىرما ئۇرۇش پاراخوتىىنىڭ غازىماغۇشا پورتىنى ۋە تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بارتىن ئۇرۇش پاراخوتىىنىڭ بولسا، گىرنە پورتىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «2023-يىلى 30-ئاۋغۇست سائەت 10.00 دىن 17.00 گىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى باندىرما ئۇرۇش پاراخوتى (F-502) غازىماغۇشا پورتىدا، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بارتىن ئۇرۇش پاراخوتى (F-504)، گىرنە پورتىدا خەلقنىڭ زىيارىتىگە ئېچىۋېتىلىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر